شىنجاڭ گېزىتى، شېنجېن، 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش (شېنجېن بېكىتى) مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنىدا، شېنجېن سىمفونىيە ئۆمىكى، شېنجېن شەھەرلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى، شېنجېن شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شېنجېن شەھەرلىك سېرىكچىلەر جەمئىيىتىدىن كەلگەن كەسپىي زاتلار ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر كەڭ ـ كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، ئويۇننى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.
5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ۋە 8 ـ كۈنى كەچتە، ناخشا ـ ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېن چوڭ تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. «ئويۇننى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» شېنجېن سىمفونىيە ئۆمىكىنىڭ مۇزىكا باش نازارەتچىسى، دىرىژورى لىن دايې مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىر مۇزىكا خام ماتېرىيالى خەزىنىسى، نۇرغۇن گۈزەل مېلودىيە ۋە سەنئەت خەزىنىسىنى قېزىشقا توغرا كېلىدۇ، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»غا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ قېتىمقى سەييارە ئويۇن قويۇشتا شەكىل جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئويۇننىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىلاشتۇرۇش قوللىنىلمىدى، ھازىرقى زاماندا كەڭ تارقالغان سەنئەت تىلى ئارقىلىق، ئۇسسۇل، ناخشىلىق مۇزىكا، تىياتىر، ئېپوس ئېيتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى بىلەن نەق مەيداندا ئوركېستىرلار تەڭكەش قىلىش بەدىئىي جەھەتتە بىرلەشتۈرۈلدى، بۇ خىل لايىھەلەشتە شىنجاڭنىڭ ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكىسىنىڭ ئەسلىي ئىپادىلىنىش ھالىتى ۋە كۈچلۈك سەنئەت ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلىندى. «ئويۇندا زامانىۋى تىل ئارقىلىق ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىتىلىپتۇ، سەھنە تىلى روشەن، ئارتىسلارنىڭ ئىپادىلىشى تەبىئىي بولۇپ، تاماشىبىنلارغا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ بەردى» دېدى شېنجېن شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تېكىست يازغۇچى تيەن دى.
شېنجېن رادىيو ـ كىنو ـ تېلېۋىزىيە گۇرۇھى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك رېژىسسور شيا فېڭ مۇنداق قارىدى: ئويۇندا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى سۆزلىنىپ، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىگە دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر جانلىق نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى چىن قەلبتىن ئىپادىلىنىپتۇ، قالتىس ھەيۋەتلىك بوپتۇ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىلىپتۇ، «بولۇپمۇ ئويۇن ئاممىغا بەرگەن تەسىر تۇيغۇسى، ئورتاق ھېسسىيات نۇقتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىپ، تاماشىبىنلارغا بىر ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ، بەختلىك شىنجاڭنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى».
ئويۇنغا ھەم شىنجاڭنىڭ يەرلىك كىلاسسىك مىللىيچە ناخشا ـ مۇزىكىلىرى، مىللىيچە ئۇسسۇل، مىللىيچە چالغۇلار بىلەن ئورۇنلاش قاتارلىقلار مۇجەسسەملىنىپتۇ، ھەم مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىر قاتارلىق ئەڭ يېڭى سەنئەت نەتىجىلىرى يۇغۇرۇلۇپتۇ. «بۇ ئويۇننى ساياھەت بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدىكەن، <مەدەنىيەت> ئارقىلىق، بۇ تىياتىرنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدىكەن» دەپ تەكلىپ بەردى شېنجېن شەھەرلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك سېنارىست ۋە رېژىسسور لىن شۇسېن.
«پۈتكۈل ئويۇن جەريانىدا كەيپىيات بىلەن ھېسسىيات تولۇق ئەۋجىگە چىقىپ، بىزگە ئۇيۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىر قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى ھېس قىلدۇردى. بۇ كۈچ بولسىلا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى شېنجېن شەھەرلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۆلۇڭ.