دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يەتتى بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چوڭقۇر قېزىلىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كارخانا تۈرىدىكى قەرزدىن 123 مىليارد 543 مىليون يۈەن تارقاتتى 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى سۈرەتلىك خەۋەر | 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى %34.45 ئاشتى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېندا ئورۇنلاندى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىز بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 309 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چوڭقۇر قېزىلىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى
​ۋىلايىتىمىز نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپىنى زورايتتى، كۈچەيتتى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-10 11:27:43

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى.(مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ كېيى)

يېقىندا، مۇخبىر شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شايار فېڭخې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ LNG قاچىلاش رايونىغا كىرگەندە، توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ رەتلىك ئۆچرەت تۇرۇپ، LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز) مەھسۇلاتىنى قاچىلاشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆردى ھەم بۇ مەھسۇلاتنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇپ سېتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

شايار فېڭخې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى LNG زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئايدا 16 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز سەرپ قىلىپ، 11 مىڭ 250 توننا LNG ئىشلەپچىقىرىپ، ئاساسلىقى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ، قومۇل قاتارلىق جايلارغا ساتىمىز، بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە مەھسۇلات قىممىتى 103 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە، يارىتىلغان پايدا بېجى 2 مىليون 596 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، بىر توننا LNG ئىشلەپچىقارغاندا 25 كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

شايار فېڭخې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلالىشى يېشىل خىمىيە سانائىتى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىر يولى بويىچە، BOG شامالدۇرغۇچى، سوۋۇتۇپ قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇپپىسىنى يېڭىدىن ئىشلىتىش، سوۋۇتقۇچنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تېخنولوگىيە تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەن تەبىئىي گازنى قايتا يىغىۋېلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھاۋادىكى پارنىك گازىنى ئازايتىپ، ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادتا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، شايار فېڭخې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەبىئىي گازنى تۇرۇبا ئارقىلىق توشۇش كارخانىسى بولۇپ، 92 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىگە ئىگە. بۇ تۇرۇبا لىنىيەسى شۇنبېي نېفىتلىك ـ تەبىئىي گازلىقىنىڭ تەبىئىي گازنى سىرتقا توشۇشنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر تۇرۇبا ئارقىلىق توشۇش لىنىيەسى بولۇپ، يىلدا توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز مېتان مىقدارى يۇقىرى بولۇش، گۈڭگۈرتلەشكەن ماددا بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇ تۇرۇبا لىنىيەسى ئەتراپتىكى خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ يۈشياڭ توغراق خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ يۈشياڭ توغراق خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى بولۇپ، «تۈجۈپىلىك ئىشلەپچىقىرىش»، «تېجەش تىپىدىكى ئىقتىساد» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار تېخنولوگىيە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، تەبىئىي گاز ــ بىرىكمە ئاممىياك ــ ئورىيا ــ مېلامېن، تەبىئىي گاز ــ بىرىكمە ئاممىياك ــ نىترات كىسلاتاسى ــ ئاممونىي نىترات ــ نىترو بىرىكمە ئوغۇتتىن ئىبارەت ئىككى ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن جەريانىدا ئېنېرگىيە بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېرەكسىز بۇيۇملارنى بايلىقلاشتۇرۇپ، زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا توشۇلىدىغان نېفىت ـ تەبىئىي گازنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە، يەنە پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل خىمىيە سانائىتى، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەنى چۆرىدەپ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ يۈشياڭ توغراق خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شايار فېڭخې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، شايار رۇيشىن تەبىئىي گازنى زاپاس ساقلاش ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسپىنى «تېز» تەرەققىيات يولىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.7 كۆپەيدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسپىنى يېتەكچى كەسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش ـ ئېچىش ۋە ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سالمىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زورايتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بوز، شۇنبېي، جۇڭمەن يەتتە قاتارلىق رايون بۆلەكلىرىدە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يېڭىدىن 50تىن ئارتۇق قۇدۇق قېزىپ، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 34 مىڭ توننىدىن، كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ يۇقىرى پەللىدە يۈرۈشۈشنى ساقلىدى، ۋىلايىتىمىزنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەكشى، مۇقىم ئېشىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپىنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىگە ياخشى ئاساس سېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايەت باي لوڭيۈ شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا BDO ئىشلەپچىقىرىش، شىڭفا خىمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 5000 توننا ئېلېكتىرون دەرىجىلىك سۇلفوكسىد ئىشلەپچىقىرىش، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يىلىغا 2500 توننا تىئو كاربوگىدرازىد ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتتى، جۇڭتەي جىنخۇي شىركىتىنىڭ يىلىغا 300 مىڭ توننا BDO ئىشلەپچىقىرىش، مۇياڭ خىمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا يېڭى تىپتىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش، شىڭفا خىمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 4000 توننا سۇلفۇن تۇزىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق تۈرلەرمۇ تېز يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش