دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يەتتى بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چوڭقۇر قېزىلىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كارخانا تۈرىدىكى قەرزدىن 123 مىليارد 543 مىليون يۈەن تارقاتتى 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى سۈرەتلىك خەۋەر | 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى %34.45 ئاشتى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېندا ئورۇنلاندى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىز بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 309 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-10 11:32:36

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى 76 ـ قېتىملىق «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى»، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 ـ سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، لوزۇنكا ئېسىش، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەردە، باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىز قىزىل كىرېست ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە پىدائىيلارنى تەشكىللەپ ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا «مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئاقسۇنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە، ئاقسۇ شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يولدىن ئۆتكەن ئاممىغا يۈرەك، ئۆپكىنى قوزغىتىش بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتى ھەم نەق مەيداندا مەسلىھەت بەردى.

ليۇ جۇڭبىن ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنداقلا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيسى، ئۇ مۇنداق دېدى: پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەشۋىقاتچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھىر ـ شەپقەت، ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت قىزىل كىرېست روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كادىرلار، ئاممىنى قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ھەممە مەن ئۈچۈن، مەن ھەممە ئۈچۈن دەيدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمەن.

5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئۇچتۇرپان بازىرى، ياركۆۋرۈك يېزىسىغا بېرىپ ئائىلىسىدە ئېغىر كېسەل، ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپ بار 11 ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارغا جېجياڭ ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ «مېھىر ـ شەپقەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» بويىچە قىيىنچىلىققا ياردەم بېرىش پۇلىنى تارقىتىپ بەردى ھەم قىزىل كىرېستقا ئالاقىدار ساۋاتلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

ياركۆۋرۈك يېزىسىنىڭ يارباغ كەنتى ئاھالىسى تۇرغۇن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، پىدائىيلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا ياردەم بېرىپ، چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى يەنە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش مانېۋىرى، «بالىلار سەپىرى ــ بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش» قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە قىزىل كىرېست پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى ئىلغار تىپلارنى تاللاپ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھىر ـ شەپقەت، ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت قىزىل كىرېست روھىنى كەڭ تارقاتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، كۇچا شەھىرى، باي ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسى قاتارلىق جايلار «ئىنسانپەرۋەرلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كۈنى»نى تەشەببۇس قىلىش پائالىيىتىنى بەس ـ بەستە ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭ خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى»، «شىنجاڭ كۆچمە جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى»، «شىنجاڭ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتا كۈچ ئۇلاش» قاتارلىق بەش تۈرگە «بىرلىكتە ئىئانە قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى سائەت 18:00گىچە، ۋىلايەت بويىچە 69 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش