دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يەتتى بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چوڭقۇر قېزىلىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كارخانا تۈرىدىكى قەرزدىن 123 مىليارد 543 مىليون يۈەن تارقاتتى 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى سۈرەتلىك خەۋەر | 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى %34.45 ئاشتى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېندا ئورۇنلاندى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىز بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 309 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يەتتى
​ شىنجاڭ بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-10 11:37:00

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 1 ـ پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاپتونوم رايون كارخانىلىرى بىلەن ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولىنى پائال ئېچىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆلەملىك، مۇقىم ئاشۇرۇش، مۈلۈك سۈپىتىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇش، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

1 ـ پەسىلدە، ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 155 مىليارد 210 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى، تىجارەت كىرىمى 2 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.6 ئاشتى. شىنجاڭ بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدە يادرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر سىجىل ياخشىلىنىپ، 1 ـ پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاقسۇ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چېن مىڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ 1 ـ پەسىللىك پايدا ئومۇمىي سوممىسى 23 مىليون 530 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كەلگۈسىدە، بىز دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ۋىلايىتىمىزنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جاۋ دايى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش