دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدە «دۇنيا قىزىل كىرېست كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يەتتى بايلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چوڭقۇر قېزىلىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كارخانا تۈرىدىكى قەرزدىن 123 مىليارد 543 مىليون يۈەن تارقاتتى 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى سۈرەتلىك خەۋەر | 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى %34.45 ئاشتى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېندا ئورۇنلاندى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىز بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 309 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەش 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-10 11:44:06

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كارخانىلارنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تور زالى (شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى)دا تەڭشەش ۋاقتى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولۇپ، ھەر يىلى بىرلا قېتىم تەڭشىلىدىكەن، كارخانىلار جەزمەن 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانىنى تەڭشەشنى تاماملاپ بولۇشى كېرەك ئىكەن، مۆھلەت توشقاندا ئاساسىي ساننى تەڭشەش بۆلىكى ئېتىۋېتىلىدىكەن.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. مائاش ئومۇمىي سوممىسى: ۋاقىتقا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش، ئىشقا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش، مۇكاپات پۇلى، ياردەم پۇل ۋە ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن مائاش، شۇنداقلا ئالاھىدە ئەھۋالدا بېرىلگەن مائاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەخسلەر ھەق تاپشۇرىدىغان مائاش ئاساسىي سانى ھەق تاپشۇرىدىغان مائاش تۈرىگە ئاساسەن شۇ كىشىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم بېكىتىلىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە يىل ئىچىدە ئۆزگەرتىلمەيدۇ.  

ھەق تاپشۇرغان يىل ئىچىدە، بېكىتىلگەندىن كېيىنكى شەخسلەر ھەق تاپشۇرىدىغان مائاش ئاساسىي سانى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئومۇمىي ئېغىزلار بويىچە شەھەر ـ بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %300ىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى شەخسلەر ھەق تاپشۇرىدىغان مائاش ئاساسىي سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئومۇمىي ئېغىزلار بويىچە شەھەر ـ بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60ىدىن تۆۋەن بولسا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئومۇمىي ئېغىزلار بويىچە شەھەر ـ بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60ى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرىدىغان مائاش ئاساسىي سانى قىلىپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەنلەرنىڭ شۇ ئايدا تارقىتىشقا تېگىشلىك مائاش كىرىمىگە ئاساسەن ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بېكىتىلىدۇ.

ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: تور زالىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى كىرگۈزگەندە، ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە ئەمەلىي مائاشقا ئاساسەن كىرگۈزسە بولىدۇ، سىستېما يۇقىرى چەك ۋە تۆۋەن چەك (يەنى، ئاساسىي ساننىڭ %300 ۋە %60)نى ئاپتوماتىك مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى ئاساسىي سان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم تەڭشىلىشنى قىسقارتىدۇ. ئاپتونوم رايون 2023 ـ يىللىق جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەق تاپشۇرۇلىدىغان ئاي سانى ئاساسىي سان پەرقى بويىچە تولۇقلاپ بېجىرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش