ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ بانكا ـ سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدىكى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كارخانا تۈرىدىكى قەرزدىن 6751 كارخانا (يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا جەمئىي 123 مىليارد 543 مىليون يۈەن قەرز تارقىتىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان.
ئۇچتۇرپان خۇاشېڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، زاكازنىڭ ئېشىشى، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مەبلەغ بېسىمى كۆرۈلدى. ئۇچتۇرپان يېزا سودا بانكىسى ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا بۇ كارخانىنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
ئۇچتۇرپان خۇاشېڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە مالىيە باش نازارەتچىسى يۈەن جىڭ مۇنداق دېدى: ئۇچتۇرپان يېزا سودا بانكىسىنىڭ بىزنى ۋاقتىدا 62 مىليون يۈەن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت، ھازىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىمىز ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، زاكازلار 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تىزىلىپ بولدى.
شايار ناھىيەسىگە جايلاشقان ۋىلايەتلىك شېڭجياڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېز ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، قاچىلىنىپ بولۇنغان خالتا ـ خالتا ئۇنلار توشۇش تاسمىسى ئارقىلىق ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلۈپ، سىرتقا توشۇلۇشنى كۈتۈۋاتاتتى.
بۇ شىركەت ئەۋزەل بايلىققا تايىنىپ، شىنجاڭ ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشنى يادرولۇق مەھسۇلات قىلدى، بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ۋە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈردىكى 10 نەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ كارخانا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شايار تارماق بانكىسىدىن 47 مىليون يۈەن ئاشلىق ـ ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش ئايلانما مەبلەغ قەرزى ئېلىپ، 40 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىۋېلىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە مۇھىم ئامىل كاپالەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ۋىلايەت «كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، كارخانىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش باھار شامىلى ھەرىكىتى» بويىچە ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت سۇپا بەرپا قىلىش شەكلىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئۇدۇللىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېنىك جابدۇنۇپ يولغا چىقىشى، بېسىمنى يېنىكلىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشتى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئاقسۇ بانكا ـ سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋىلايىتىمىزدىكى بانكا، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىشكە يېتەكلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىش، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ھەققىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۇنجى قەرز، ئىناۋەتلىك قەرز، داۋاملاشما قەرز، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش