ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 2 مىليارد 880 مىليون يۈەن، ئىمپورت قىممىتى 20 مىليون يۈەن بولغان.
جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى تۈنخې ئۇچتۇرپان مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جيەنچېڭ مۇنداق دېدى: 1 ـ پەسىلدە، شىركىتىمىز 1575 توننا شوخلا قىيامى، ئۆرۈك مۇرابباسى ئېكسپورت قىلدۇق. تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇشىنىڭ پايدىسى بىلەن، كارخانىمىزنىڭ مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشى تېخىمۇ قولايلىقلاشتى، ۋاقىت ۋە ئىقتىساد تەننەرخى كۆرۈنەرلىك ئازايدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ تاموژنىسى داۋاملىق تۈردە سۇپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئېكسپورتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئامبىرى + » يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىلىرىنى ئىخچاملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كارانتىن تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشقا يېتەكلەپ، خەۋپ ـ خەتەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئىسپات قىلىپ، كارخانىلارنى كۈندىلىك ئىناۋەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇپ، ماللارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى.
شىنجاڭ قىزىل ئورمان مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، ئىشچىلار چىلانلارنى يۇيۇش، ئىلغاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
شىنجاڭ قىزىل ئورمان مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يالى مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھەر يىلى 10 مىڭ توننىغا يېقىن چىلان ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى ئاساسلىقى سىنگاپور، تايلاندقا ئېكسپورت قىلىدۇ. بۇ يىل، شىركەت سوغۇق ساقلاش ئامبىرى سېلىپ، ئىلغار يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، ئېكسپورت كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.
تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ تاموژنىدىن راۋان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ تاموژنىسى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمى ۋە ۋاقىتلىق سودا تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىشنى، كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، تاموژنا بىلەن كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا زور كۈچ قوشتى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاقسۇ تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھات پايدىسىنى قويۇپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش