دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى سۈرەتلىك خەۋەر | 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى %34.45 ئاشتى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېندا ئورۇنلاندى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىز بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 309 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدىكى 14 ئورۇنغا «2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇن» دەپ نام بېرىلدى ۋىلايىتىمىزدە 2023 ـ يىللىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق تېبابەتچىلىك ـ دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى ​ئالدىنقى ئۈچ ئايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 420 مىڭ كىلوۋاتتىن ئاشتى شىنجاڭ نېفىتلىكىگە «ئەڭ كۈچلۈك چوڭ مېڭە» ئورنىتىلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېندا ئورۇنلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-09 10:19:52

شىنجاڭ گېزىتى، شېنجېن، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە، شېنجېن چوڭ تىياتىرخانىسىدا 1000دىن ئارتۇق تاماشىبىن شىنجاڭدىن كەلگەن ئېسىل نومۇرلارغا قايىل بولدى، ھەربىر نومۇر ئاخىرلاشقاندا، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە توختىمىدى. شۇ كۈنى، ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە سەييارە قويۇلۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىگە كەلدى .

پۈتۈن ئويۇن قويۇق شىنجاڭ پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرى تاللىنىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقى ۋە قەدىمكى، ھازىرقى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتى نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازى، يېڭى قىياپىتى، يېڭى سالاپىتى نامايان قىلىندى، تاماشىبىنلار ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ، بەختلىك شىنجاڭنى ھېس قىلدى.

«ئويۇن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ نامى بىكارغا چىقماپتۇ.» تاماشىبىن خۇ بېنچۇن مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئويۇن ناھايىتى تەسىرلىك بولدى، «ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق مۇكەممەل جىپسىلاشتۇرۇلۇپتۇ، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇل مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىن ھالقىغان شەكىلدە يۇغۇرۇلۇپ نامايان قىلىنىپتۇ. بۇ قېتىمقى ئويۇنغا ئوخشاش، مۇشۇنداق كەڭ قورساقلىق، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھى بولسىلا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ».

شېنجېندا ئىگىلىك تىكلىگەن مەمەتتۇرسۇن توختىمەمەت مۇنداق دېدى: «شېنجېندا يۇرتۇمنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، ئويۇن ماڭا يۇرتۇمدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى، مەن چىن قەلبىمدىن پەخىرلەندىم».

ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»نى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقارغان بولۇپ، 2022 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ پىلانلاپ تەييارلىق قىلغان، 2022 - يىلى 4 - ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق سەنئەتكارلار ئۈرۈمچىدە ئىجادىيەت پىلانىنى تاماملاپ، ئويۇننىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپىنى تەشكىللىگەن، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى 20 نەچچە سەنئەت ئۆمىكى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى سەرخىل ئىختىساسلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئويۇن قويۇش قوشۇنىنى تاللاپ چىققان. نومۇرلار شىنجاڭنىڭ يەرلىك كىلاسسىك مىللىي ناخشىلىرى، مىللىي ئۇسسۇللىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، مىللىي ئېپوس ئېيتىش، مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىر قاتارلىق كۆپ خىل تۈردىكى سەنئەت ئورۇنلاش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش