دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى سۈرەتلىك خەۋەر | 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى %34.45 ئاشتى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېندا ئورۇنلاندى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىز بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 309 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋىلايىتىمىزدىكى 14 ئورۇنغا «2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇن» دەپ نام بېرىلدى ۋىلايىتىمىزدە 2023 ـ يىللىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق تېبابەتچىلىك ـ دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى ​ئالدىنقى ئۈچ ئايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 420 مىڭ كىلوۋاتتىن ئاشتى شىنجاڭ نېفىتلىكىگە «ئەڭ كۈچلۈك چوڭ مېڭە» ئورنىتىلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-09 10:23:43

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ كارخانىلىرى كاپىتال بازىرىدا بىۋاسىتە يۈرۈشتۈرگەن مەبلەغ 11 مىليارد 467 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.56 ئاشقان، 2021 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %35.22 ئاشقان.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەكلىدىن قارىغاندا، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تۇنجى پېيىنى بازارغا سېلىش، پېيىنى نىشانلىق كۆپەيتىپ تارقىتىش، پاي تەقسىملەش ھەم شىركەت زايومى شىنجاڭ كاپىتال بازىرىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تۇنجى پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى جەھەتتە، باۋدى كانچىلىقى تۇنجى پېيىنى بازارغا سېلىپ 876 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، 2023 - يىلى پېيىنى بازارغا سېلىشتا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى جەھەتتە، چىڭسۇڭ بىناكارلىق خىمىيە سانائىتى، لىئاڭ تېخنىكىسىدىن ئىبارەت پېيى بازارغا سېلىنغان ئىككى شىركەتنىڭ ئاشكارا تارقىتىلمىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى جەمئىي 1 مىليارد 627 مىليون يۈەن بولدى.

شىنجاڭنىڭ شىركەت زايومى ۋە مۈلۈك قوللاش تىپىدىكى ئاكسىيە ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۈرئىتى تېز بولدى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا كۆپ مەنبەلىك يېڭىلىق يارىتىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ كارخانىلىرى شىركەت زايومى ۋە مۈلۈك قوللاش تىپىدىكى ئاكسىيە تارقىتىش ئارقىلىق جەمئىي 8 مىليارد 435 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى، بۇ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %49.29 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز شىركەت تارقاتقان شىركەت زايومى 6 مىليارد 535 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15.66 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى شىركەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش زايومىنىڭ ئىجادىي تۈرىنى تارقىتىپ، ئاساسلىقى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار ساھەلەردىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى؛ بىر شىركەت مۈلۈك قوللاش تىپىدىكى ئاكسىيە تارقىتىش ئارقىلىق 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى، ئۇنىڭ ئاساسىي مۈلكى ئۇل ئەسلىھە ھەققى بولۇپ، شىركەتنىڭ ساقلانما مەبلىغى، تۆۋەن قاتلام مۈلكىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، كارخانىنىڭ نەق پۇل ئوبوروتىنى ئەلالاشتۇردى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، پاي ھوقۇقى تۈرىدىكى يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ 3 مىليارد 32 مىليون يۈەن بولۇپ، 1 - پەسىلدە كاپىتال بازىرىدا يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ %26.44ىنى ئىگىلىدى؛ ھەقدارلىق تۈرىدىكى يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ 8 مىليارد 435 مىليون يۈەن بولۇپ، 1 - پەسىلدە كاپىتال بازىرىدا يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ %73.56ىنى ئىگىلىدى.

پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئاشكارىلىغان تۇنجى قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىدىكى توپلانغان مەبلەغنىڭ سېلىنما يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، كۆچمە مەبلەغنى تولۇقلاش ۋە بانكا قەرزىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىش پىلانلانغان مەبلەغ 1 مىليارد 78 مىليون يۈەن بولۇپ، %45.12نى ئىگىلىدى؛ تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش پىلانلانغان توپلانغان مەبلەغ 1 مىليارد 311 مىليون يۈەن بولۇپ، %54.88نى ئىگىلىدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭى ئۈچ بۆلەك ۋە رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا ۋىۋىسكا ئاسقان ۋە كۆرگەزمە قىلىدىغان كارخانىلار ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدە ئېشىش كۆرۈلدى. 1 - پەسىلدە يېڭى ئۈچ بۆلەك ۋە شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلارنىڭ يۈرۈشتۈرگەن مەبلىغى جەمئىي 529 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %74.01 ئېشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش