دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدە 2023 ـ يىللىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-09 10:49:50

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى مەملىكەت بويىچە 15 ـ قېتىملىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى بولۇپ، 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن 12 ـ كۈنىگىچە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى. بۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش»تىن ئىبارەت.

 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت بەرپا قىلىدۇ.

تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، ۋىلايەت بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى بەشكە يەتكۈزۈش (كارخانىلارغا يەتكۈزۈش، يېزىلارغا يەتكۈزۈش، مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈش، مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش)نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار تور ۋە تور سىرتىدا تەشۋىقات قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت شەكىلنى قوللىنىش ئارقىلىق، رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، ۋىيبو قاتارلىق سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋىلايىتىمىز ۋە ساھەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ قىسقا سىن، رەسىملىك چۈشەندۈرۈش قاتارلىق كۆرۈنمە ئۇچۇر شەكلىدە تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

ۋىلايەت بىر قاتار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرى ۋە رايونلارنىڭ ئاپەت ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش،  قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ خەۋپ ـ خەتەر ئېڭى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. مەيدان ـ سارايلارنى ئېچىۋېتىپ، تۈرلۈك پەن ـ تېخنىكا سارىيى، مۇزېي، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى قاتارلىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات بازىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەخسۇس رايون تەسىس قىلىش، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە ھېس قىلىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى قاتارلىق تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قارا يامغۇر، بوران، يەر تەۋرەش، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاسان يۈزبېرىدىغان ئاپەتلەر ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەھدىتلەرگە قارىتا، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەرنى تۈزەشنىڭ ئىشتىن ئاۋۋال ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك تەييارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ئاپەتكە تەرتىپلىك، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدۇ. جەمئىيەت ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق تۈزەش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدە قاتنىشىدىغان ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ يۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت قىلىپ، تەشۋىقات ـ تەربىيە   سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ـ تەربىيەسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مانېۋىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ خەۋپ ـ خەتەر ئېڭى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ خەۋپ ـ خەتەرنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش