دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىكى 14 ئورۇنغا «2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇن» دەپ نام بېرىلدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-09 11:02:46

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك 4 ـ قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇنلارغا نام بېرىش يىغىنى ۋە 41 ـ قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى 14 ئورۇنغا «2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇن» دەپ نام بېرىلگەن.

يىغىندا، ۋىلايەت يەنە «2022 ـ يىللىق ۋىلايەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون»دىن 25ىگە، «2022 ـ يىللىق ۋىلايەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن»دىن 187سىگە، «2022 ـ يىللىق ۋىلايەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى»دىن توققۇزىغا، «2022 ـ يىللىق ۋىلايەت بويىچە ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىدىكى ئۈلگىلىك نۇقتا»دىن 37سىگە نام بەردى.

بۇ يىل 5 ـ ئاي 41 ـ قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيە ئېيى، ۋىلايەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتىكى ئۆزئارا كۆرەك قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق 10 تۈرلۈك پائالىيەتنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «تۆت بىللە بولۇش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يەنىمۇ يېتەكلەيدۇ.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەمەرجان ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش