ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايىتىمىز بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 309 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز 20 مىليون يۈەنلىك يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغىگە تايىنىپ، «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى مەۋقە قىلىپ، «ئاقسۇدا خۇشال ـ خۇرام مال سېتىۋېلىش» ئىستېمال بېلىتى ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ پائالىيەتنى ئۈچ قارارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىپ، ھەر خىل قىممەتتىكى ئىستېمال بېلىتىدىن جەمئىي 621 مىڭ پارچە تارقىتىپ، تەخمىنەن 118 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، 280 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.
3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ۋىلايىتىمىز ئاپتونوم رايون بىلەن «2023 ـ يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى تەڭ باشلاپ، ۋىلايەت دائىرىسىدە يادرولۇق سودا چەمبىرىكى، شەھەر بويىچە سودىگەرلەر تەڭ ھەرىكەتلىنىپ كەڭ كۆلەملىك بىرلىشىپ سېتىشتەك قاينام ـ تاشقىنلىق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنى كېڭەيتتى. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايىتىمىز «ئاقسۇدا خۇشال ـ خۇرام مال سېتىۋېلىش» ئىستېمال بېلىتى ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى پۇرسەت قىلىپ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، پۈتۈن ساھە بىلەن بىرلىشىپ شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول بولغان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن 41 مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 141 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئۈستىلەپ قوللىنىشتىن ئىبارەت «كۆپەيتكۈچى» ئېففېكتىنى ئۈنۈملۈك شەكىللەندۈردى.
ۋىلايىتىمىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، ئىختىيارلىق بىلەن قاتنىشىش، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاپتوموبىل ئىستېمالى ياردەم تولۇقلىمىسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنىڭ تېز جانلىنىشىغا كۈچ قوشتى. ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئاپتوموبىل سودىگىرى جەمئىي 10 بولۇپ، 869 يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىلىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمال سوممىسىنىڭ 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايىتىمىز يەنە 2023 ـ يىللىق جېجياڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئۆتكۈزدى، سودا سوممىسى 20 مىليون 878 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، نەق مەيداندا 264 مىليون يۈەنلىك سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىنىپ، 533 مىليون يۈەنلىك مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالاندى.
كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايىتىمىز ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە داۋاملىق بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سودا ـ تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ باش تېمىنى توغرا تاللىشى، مەزمۇننى بېيىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «باھادا ئېتىبار بېرىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «مال سېتىۋېلىش سوممىسى مەلۇم چەككە يەتسە باھادا ئېتىبار بېرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنى كېڭەيتىدۇ؛ ئەمەلىي سودا كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىپ، تىجارەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، «تور سىرتى + تور»دىن ئىبارەت سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان، سۈپەتلىك، خاسلاشقان ئىستېمال يېڭى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ كېچىلىك ئىقتىساد كوچا رايونىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كېچىلىك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، سودا ساراي، مال سېتىۋېلىش مەركىزى، يېمەك ـ ئىچمەك، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساھەلەرنى تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئادەملەرنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ، ئاھالىلەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، كېچىلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كۈچ قوشىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش