دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق تېبابەتچىلىك ـ دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-09 12:01:19

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق تېبابەتچىلىك ـ دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، 2023 ـ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تېبابەتچىلىك ـ دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى، كېڭەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سەنمىڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك داۋالاش ئىسلاھاتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە مېخانىزمنى ئالغا سىلجىتىپ، «تېببىي داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ئىسلاھاتى»نىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى سىجىل بەرپا قىلىش، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا پۇختا قەدەمدە تۈرتكە بولۇش، كادىرلار ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ يېڭى باسقۇچتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى سەھىيە بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا تۇتۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خاسلاشقان ساغلاملىق تەربىيەسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئومۇمىي داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ رايون داۋالاش ئېگىزلىكى، «رەقەملىك داۋالاش» قاتارلىق تۆت قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق دوختۇرخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى بېكىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ ۋە پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك داۋالاش بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، «بىر كودلۇق ساغلاملىق مۇلازىمىتى» قاتارلىق خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مەركەز مالىيەسىنىڭ 2023 ـ يىللىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئاقسۇ نۇسخىسى»نى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بىرىنچى سەپكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش جەھەتتىكى ئېھتىياجى، ئارزۇسى، تەقەززاسىنى ئىگىلەپ، داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاجىز ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. جەمئىيەت ئۈنۈمى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى جايىدا، ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ساغلام ئاقسۇ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش