دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-08 11:23:16

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن لياڭ جېنيىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قەلبكە پۈكۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىدى، رول تۇتۇپ يول باشلىدى. ھازىر، بىز باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىۋاتىمىز. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى زور، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئاساسى ۋە شارائىتى بار. مۇئاۋىن رەئىس لياڭ جېنيىڭ ۋە شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدا، شياڭگاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ جۇڭگو بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

لياڭ جېنيىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭ خەلقئارا سودا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ بىلەن مەبلەغ سېلىش، ئېچىش، سودا قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرقەدەر چوڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ سودا ئەۋزەللىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ بايلىق، كەسىپ قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بازار ئېچىشى، داڭلىق ماركا يارىتىشى، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت ساياھەت بايلىقى مول، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ۋە چۈشىنىشىگە، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق. شياڭگاڭنىڭ خەلقئارالاشقان سۇپا بولۇشتەك فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ساداسىنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى سىجىل ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشىدۇ.

ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ليۇ خۇيجۈن، ھەسەنجان ئەخمەت، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار خادىملار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي ساھەسى، كەسپىي ساھەسى، سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ئالاقىدار ۋەكىللىك زاتلار قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش