دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

​ئالدىنقى ئۈچ ئايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 420 مىڭ كىلوۋاتتىن ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-08 11:14:47

قومۇل شەھىرىدە:

ئالدىنقى ئۈچ ئايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 420 مىڭ كىلوۋاتتىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قومۇل توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قومۇل شەھىرىنىڭ 1 - پەسىلدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 429 مىڭ 250 كىلوۋاتقا يەتكەن.

3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قومۇل شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 15 مىليون 537 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىرى 12 مىليون 880 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق چىقىرىلغان توك 2 مىليون 657 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

قومۇل شەھىرى دۆلەتنىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر بازىسى، 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ئېلېكتىر بازىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇملۇق، چۆل، قاقاس رايونلاردىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك قۇرۇلۇش تۈرىنى پىلانلاشنى ياخشى تۇتۇپ، قومۇلنىڭ مول شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى يىلمۇيىل ئاشۇردى.

قومۇل شىسەنجيەنفاڭ شامال رايونى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى توپلانغان جاي. ھازىر جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى قومۇل جۇڭچۈەن تەيشۈن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان قومۇل شەھىرىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى پەن جىندۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈرنىڭ پىلاندىكى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون كىلوۋات بولۇپ، قومۇل شەھىرى شىسەنجيەنفاڭ شامال رايونىدىكى بىر قېتىمدىلا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ، يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ۋە بۇنىڭغا دائىر تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل قومۇل شەھىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى پىلانلاش ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ، ياخشى تۇتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىليون 790 مىڭ كىلوۋاتلىق بازارلاشتۇرۇپ تورلاشتۇرۇش يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى، 2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە كۆپ خىل ئېنېرگىيە بىر - بىرىنى تولۇقلاش تۈرىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تورلاشتۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور سىغىمچانلىقىنى 6 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 21 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، «مەملىكەت بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر قۇرۇپ چىقىش» نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش