دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ نېفىتلىكىگە «ئەڭ كۈچلۈك چوڭ مېڭە» ئورنىتىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-08 10:56:55

5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خىزمەتچى خادىملار جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىدە نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، نېفىت زاپىسىنى باھالاش قاتارلىق سەككىز ساھەنى قاپلىغان 90 نەچچە يۈرۈش سىستېمىنى قۇردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچقۇرۇن، قىپقىزىل كەچكى شەپەق ئۇپۇقتا غايىب بولدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراغلار يېنىپ قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىنى يورۇتتى.

نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىمجىت، ئادەمسىز چۆللۈكتە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش 1 - مەركىزىنىڭ 1300دىن ئارتۇق كاچالكىسى توختىماي خىزمەت قىلىۋاتاتتى، ھەربىر نېفىت قۇدۇقىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتى ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالى ماس قەدەمدە جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىگە يوللىنىپ تۇراتتى.

«ئېلېكتىرونلىشىشتىن رەقەملىشىشكىچە، ئاندىن ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقىچە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقى، 3000دىن ئارتۇق نېفىت ئېلىش مىقدارىنى ئۆلچەش پونكىتىدا سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك يىغىش، مەشغۇلاتنى يىراقتىن كونترول قىلىش، كاشىلىنى ئېھتىياج بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات شىركىتى پىلانلاش، لايىھەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لىجۈن.

بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان دۇەن جىبىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا: «بىزنىڭ خىزمەت مىقدارىمىز بارغانسېرى ئازلىدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىمىز ئەكسىچە ئۈزلۈكسىز ئۆستى» دېدى.

باشلىنىشىدىكى قۇدۇق ئېغىزى بېسىمى، مەھسۇلات مىقدارى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق توپلاشتىن نېفىتلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئاپتوماتلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ھەربىر نېفىت قۇدۇقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاپتوماتىك ئېرىشىشكىچە؛ بىر ئادەم بىر ئۆلچەش پونكىتى ۋە ئوندىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقىنى باشقۇرۇشتىن بىر ئادەم تۆت ئۆلچەش پونكىتى ۋە 40تىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقىنى باشقۇرۇشقىچە؛ ھەربىر نېفىت قۇدۇقىنى قەرەللىك چارلاپ تەكشۈرۈشتىن ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئېھتىياج بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈشكىچە، رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنى يېشىل، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىشى ۋە باشقۇرۇشىدىكى مەركىزىي چوڭ مېڭە.

شۇ كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ 24 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكرانىدا، خىزمەتچىلەر نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت - تەبىئىي گازنى ساقلاش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلارنى تۇتاشتۇرىدىغان ئون سىستېمىنى كۆرسەتتى، ھەربىر سىستېمىدا چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلغانىدى. يەر يۈزى قوشماق رەقەملىك زاۋۇت سىستېمىسى نېفىت - تەبىئىي گاز بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈپ، مەۋھۇم چارلاپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى.

نۆۋەتتە شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ 20دىن ئارتۇق بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىدا قوشماق رەقەملىك زاۋۇت قۇرۇلدى، بۇ سىستېما سىجىل كېڭەيتىلمەكتە.

ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، نېفىت زاپىسىنى باھالاش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت - تەبىئىي گازنى توشۇش ۋە سېتىش، تىجارەت باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش قاتارلىق سەككىز ساھەنى قاپلىغان 90 يۈرۈشتىن ئارتۇق تۈرلۈك سىستېمىنى قۇردى.

«شىنجاڭ نېفىتلىكى ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلالايدىغان، دەل ۋاقتىدا تەھلىل قىلالايدىغان، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىيەلەيدىغان، دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا» دېدى ۋاڭ لىجۈن.

ئەگەر جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇكەممەل جاي دېسەك، ئۇنداقتا، نۆۋەتتە ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئۇنىڭ سەككىز مەشغۇلات رايونىنى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تەجرىبە ئېتىزى دېيىشكە بولىدۇ.

2017 - يىلى، نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ مەركىزىي كونترول ئۆيى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىگنال بېرىپ چاقىرىش، يىراقتىن ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى، ھازىرغىچە بۇ ئورۇن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان سەككىز مەشغۇلات رايونىدىكى 4000دىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقىدا ئاپتوماتلاشقان كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە يىراقتىن كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ جاي نېفىتلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كۆزگە ئوخشايدۇ، نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۆزگىرىشىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ.

«نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بىز بىۋاسىتە سىگنال تاپشۇرۇۋېلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، نېفىتلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز» دېدى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ۋېيجېن تونۇشتۇرۇپ.

5 - ئايدا، بۇ مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى.

«بۇ سىستېمىدا مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ قولايلىق، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، تېلېكامېرانى گورىزونتال ۋە تىك يۆنىلىشتە يۆتكىگىلى بولىدۇ، يەنە كامېرانى يېقىنلاشتۇرۇپ ئىنچىكە ھالقىلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ئالىي ئىنژېنېر جاڭ مىڭۋۇ.

ھازىر، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى يەككە كاشىلىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، يىراقتىن كونترول قىلالايدىغان بولدى، خىزمەتچىلەر ئاپتوماتىك ھۆكۈمگە ئاساسەن نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلالايدۇ. سىستېمىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى جەملەش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەندە، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بەرگىلى بولىدۇ.

خۇشاللىنارلىقى شۇكى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزى بەرپا قىلىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 6 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، شۇ چاغقا بارغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم سىستېمىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىر يەرگە جەملىنىپ، زور ھەم كۆپ خىللاشقان سانلىق مەلۇماتلار ئاقىل چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش