دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايون ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېڭەيتىش ئۈچۈن 20 تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلدى شىنجاڭ 882 مىڭ 500 مو يەرگە ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملىدى 1 ـ پەسىلدە ھەرقايسى باغچە رايونلىرىغا ماكانلاشقان سانائەت كارخانىسى جەمئىي 1208كە يەتتى 15 تۈردە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 17 مىليارد 672 مىليون يۈەنگە يەتتى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 75 مىڭ 700 ئادەمگە يەتتى 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى شىنجاڭ كارخانىلىرى تۇنجى پەسىلدە زايوم ئارقىلىق 25 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تىيەنجىن بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خام چوت كىرىمى %21.4 ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايون ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېڭەيتىش ئۈچۈن 20 تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-06 10:56:13

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سودا نازارىتى بىلەن بىرلىكتە «2023 ـ يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېڭەيتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدا ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇللۇق رولى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا بولغان يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىستېمالنىڭ تېز جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە 2023 ـ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشۇرۇش نىشان قىلىنىپ، ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ، ساياھەت ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىستېمالنى قوللاش كۈچەش نۇقتىسى قىلىندى، بۇ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ بازار سۇبيېكتلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش قاتارلىق 20 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك، لازىمەتلىكلەر ھەم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، تۈرلۈك سۇپىلار ھەم ئالاقىدار سودىگەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر زور ئۇچرىغان تاۋارلار ساھەلىرىگە قارىتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال بېلىتى تارقىتىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۆلەت تەنتەربىيە ئىستېمالىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر خىزمىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، تەنتەربىيە ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىدۇ.

تۇرالغۇ، ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2023 ـ يىلى 41 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي، 13 مىڭ 400 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى سېلىنىپ، شەھەر ـ بازارلارنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلىرىدىكى 219 مىڭ 100 ئائىلىلىك ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، شەھەر ـ بازارلارنىڭ كەپىلىك رايونلىرىدىكى 49 مىڭ 600 يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاشقا مەدەت بېرىلىدۇ.

ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ئىشلىتىپ، قىزىل، ئېكولوگىيە قاتارلىقلارغا ئائىت باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرسا بولىدۇ. مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي ساياھەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئىستېمال يېڭى سورۇنى بەرپا قىلىش جەھەتتە، رايون ئىستېمال مەركىزى قۇرۇپ، سودا چەمبىرىكى، سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم يايما، كوزۇپ مەدەنىيەت بازىرى سورۇنى بەرپا قىلىنىدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، تاۋارلارنى سېتىشنى تېزلىتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائاملار بايرىمى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئۆرپ ـ ئادەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق باش تېمىلىق سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرى پىلانلاپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. رايونغا ئايرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۇكان سىرتىغا تىزىپ تىجارەت قىلىدىغان سورۇنلارنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، شەھەر قاتنىشى، بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تىجارەت ئورنىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشىگە، تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

داۋالىنىش ـ ساغلاملىق ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، «ئالاقە تورى + داۋالىنىش ـ ساغلاملىق» مۇلازىمىتى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقە تورى دوختۇرخانىلىرى ياكى ئالاقە تورىدا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش تەستىقلانغان بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى قانات يايدۇرغان «ئالاقە تورى + داۋالىنىش ـ ساغلاملىق» مۇلازىمەت تۈرلىرى ھەمدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەر بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنى تەمىنلەيدىغان «ئالاقە تورى +» قايتا دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى ھەققى بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تارماقلار بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېتەكچىلىك، مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش