ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەمدىلا سىم-سىم يامغۇر ياغقان ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىن تاشقىرى ساپ ئىدى، ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئۈچ بۇرجەك رايونىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئەتىياز پەسىللىك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىگە تۆھپە قوشتى.
ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ كۆچەت تىكمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا فوتوسى
گۈرجەك بىلەن ئورەك كولاش، كۆچەتنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئورەك تىندۇرۇش، توپىسىنى چىڭىتىش... كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا، ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، تولۇپ تاشقان غەيرەتكە كەلدى، يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەر شامالدا ئىرغاڭشىپ، مەردانە قەد كۆتۈرۈپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
«بۇ مېنىڭ ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىغا كېلىپ ئەتىياز پەسىللىك مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىمنىڭ 7-يىلى، بۇ يەردىكى ئۆزگىرىش بەك چوڭكەن، ئورمانلىق كۆز يەتكۈسىز بوپ كېتىپتۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزى ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى خۇاڭ پېڭجىڭ.
شۇ كۈنىدىكى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىدە جەمئىي 560 تۈپ كۆچەت تىكىلىپ، ئەتراپتىكى تىكىلگەن ئورمان بەلبېغى ۋە ھەر خىل چاتقاللار بىلەن ئېكولوگىيە تېمى ھاسىل قىلىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شېغىل يەرگە مۇستەھكەم مۇقىملاشتۇرۇلدى.
«ئىلگىرى تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقى يېرىم چۆللىشىپ كەتكەن ئوتلاق ئىدى، بوران چىقسا قۇملار ئۇچۇپ تۇراتتى، ھازىر بۈك-باراقسان مەنزىرە بەلبېغىغا ئايلاندى.» ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماۋ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: 2009-يىلى ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتتى، جەمئىي 29 مىڭ 300 مو يەردە ئورمان بىنا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن شاخلىق قارىياغاچ، موڭغۇلىيە قارىغىيى، ئالما، ئۆرۈك، ئالۇچا، بەيلا دەرىخى قاتارلىق 20 نەچچە خىل دەرەخ بار، ئەي بولۇش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن يەنخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەتىياز پەسلى شىنجاڭدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇ يىل دۆلەت شىنجاڭغا 1 مىليون 558 مىڭ 400 مو ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسى چۈشۈردى، 4-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە 882 مىڭ 500 مو يەردە ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىندى، بۇ ئەتىياز پەسىللىك پىلاندىكى ۋەزىپىنىڭ 94.39 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى، 31 مىليون 310 مىڭ تۈپ مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىلدى، مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە قاتناشقانلار 2 مىليون 760 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش