ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. نۆۋەتتە، ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونىغا جايلاشقان جىنيى پەن ـ تېخنىكىسى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 1 ـ بۆلىكىدە تەرتىپلىك قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.
ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى خاس باغ ـ ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، زامانىۋى ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى كەسپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ يەرگە 136 كارخانا ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 22. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ باغچە رايونى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى سىجىل تېزلىتىپ، دىققەتنى پەن ـ تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك باشلامچى كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، باغچە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ھەم ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا قانات ئاتا قىلدى.
جىنيى پەن ـ تېخنىكىسى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر باغچىسى ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىدىكى بەش چوڭ باغچە رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن ھەر خىل سانائەت ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرىنى تۈرلۈك ئېھتىياجلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك پولات قۇرۇلمىلىق زاۋۇت ئۆيلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلغار يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، قۇراشتۇرۇلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، باغچە رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى ۋە مەخسۇس تۈر زايوم مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۇ، توك، يول، تەبىئىي گاز، يۇندى ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، باغچە رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىنى ئىلتىماس قىلىپ بېكىتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، باي كەسىپلەر باغچە رايونى، شايار ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىنى ئاپتونوم رايوننىڭ خىمىيە سانائىتى باغچە رايونلىرىنى بېكىتىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر خىل باغچە رايونلىرىغا جەمئىي ماكانلاشقان سانائەت كارخانىسى 1208كە، باغچە رايونلىرىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن سانائەت كارخانىسى18كە يەتكەن؛ باغچە رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جەمئىي 113 مىڭ 900گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت ئىشچىسى 11 مىڭ 600 ئىكەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش