ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسى ئاھالىسى ياڭ يارۇ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇپ، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپتى. يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ياشانغاندىكى تۇرمۇشىمىزنى كۆپرەك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىككىلىمىز ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇردۇق.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانى پۇختا قەدەمدە يولغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى سىجىل كېڭىيىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان تېخىمۇ كۆپ كىشى ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايىتىمىزدە ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار جەمئىي 2 مىليون 75 مىڭ 700گە يېتىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىدىن %3.7 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 1 مىليون 517 مىڭ 700، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 312 مىڭ 200، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 245 مىڭ 800.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»غا تايىنىپ، بارلىق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سانلىق مەلۇماتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاپ، سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «كارخانا، دۇكان، قۇرۇلۇش ئىش ئورنى، يېزىلارغا بېرىپ» سىياسەت يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى سۇغۇرتىغا پائال قاتنىشىش، سىجىل قاتنىشىشقا يېتەكلىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى؛ شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، تېز يەتكۈزۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكىلەرگە قارىتىلغان تۈر بويىچە دائىرىنى مەخسۇس كېڭەيتىش سۇغۇرتا ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنى سۇغۇرتىنى كۆپ تاپشۇرسا كۆپ تەمىنات ئېلىش، ئۇزۇن مۇددەت تاپشۇرسا كۆپ تەمىنات ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىش نىسبىتى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار توپنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلىرى تولۇق قاتنىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال پوكەي خادىمى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»تىن ئىبارەت بېجىرىش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتى ئىش تۈرلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال پوكەي خادىمى تۈزۈمى ئەندىزىسىنى ئاساس قىلىپ، ۋىلايەت بويىچە بىرتۇتاش ئىجرا قىلىنىدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى ۋە مۇھىم ئامىل ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش زاللىرىدىكى ھەرقانداق بىر كۆزنەكتە بارلىق مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىتى راھەت، مۇلازىمىتى سەمىمىي، ئىش بېجىرىش ئاسان، ئامما خاتىرجەم بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش