دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 15 تۈردە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 17 مىليارد 672 مىليون يۈەنگە يەتتى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 75 مىڭ 700 ئادەمگە يەتتى 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى شىنجاڭ كارخانىلىرى تۇنجى پەسىلدە زايوم ئارقىلىق 25 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى رەقەم ئارقىلىق تەرەققىياتنى سۆزلەش | 1-پەسىلدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر ② «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تىيەنجىن بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خام چوت كىرىمى %21.4 ئاشتى چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا يېڭىدىن بىر قانچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2023 ـ يىلى 4 ـ قېتىملىق مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
15 تۈردە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 17 مىليارد 672 مىليون يۈەنگە يەتتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-04 12:51:09

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 4 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2023 ـ يىلى 4 ـ قېتىملىق مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، يېشىل كانچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 15 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، كېلىشىم سوممىسى 17 مىليارد 672 مىليون يۈەنگە يەتتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن كېلىشىم ئىمزالاشقا گۇۋاھچى بولدى.

  شۇ كۈنى يەنە ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ۋە 7 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا يەرمەنكىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەردە كېلىشىمنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈرلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، چارە ـ تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، ۋەزىپىنامىگە ئاساسەن، پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەت، پۈتۈن جەريانلىق ئالغا سىلجىتىش كۈچەيتىلىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  بۇ يىل ۋىلايەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە جەمئىي 63 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 163 مىليارد 445 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەردە تەرتىپلىك ئىش باشلىنىپ، باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش ۋىلايىتىمىزنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سودىگەر چاقىرىشنى چىڭ تۇتۇش، بىر نىيەت ـ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، پۈتۈن يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

  ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ئادىل ئەلى، لياڭ فېڭيۈەن، جيا جىڭلېي ۋە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كېلىشىم ئىمزالاشقا گۇۋاھچى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش