شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئاچقان 1 ـ پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەن. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 4 تىرىليون 440 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان؛ 1 ـ پەسىلدە يېڭىدىن 152 مىليارد 970 مىليون يۈەن كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 مىليارد 130 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاشقان.
جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى ئىچىدە، قەرز پۇل %60نى ئىگىلەيدۇ. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 890 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشتى؛ 1 ـ پەسىلدە يېڭىدىن 107 مىليارد 520 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 مىليارد 80 مىليون يۈەن كۆپ ئاشتى.
«مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلاردىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سىجىل كۈچەيدى.» خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل كىرېدىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋېن بو مۇنداق دېدى: قۇرۇلمىلىق پۇل سىياسىتى قورالى دەل جايىدا يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇردى، تېخىمۇ كۆپ كىرېدىت بايلىقىنىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ياسىمىچىلىق، پۇقراۋى كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتىلدى.
3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 740 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 1 ـ پەسىلدە يېڭىدىن 31 مىليارد 420 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 مىليارد 30 مىليون يۈەن كۆپ ئاشتى.
بۇنىڭ ئىچىدە، سۇچىلىق، مۇھىت ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 121 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.7 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 18.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
«ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى قەرز پۇلدا بىرقەدەر تېز ئېشىش ساقلاندى» دېدى خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى تەكشۈرۈش ـ ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ بو. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 279 مىليارد 270 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 1 ـ پەسىلدە يېڭىدىن 20 مىليارد 630 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 530 مىليون يۈەن كۆپ ئاشتى.
«پۇل مۇئامىلىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى» دېدى جاڭ بو. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 183 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 12.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 1 ـ پەسىلدە يېڭىدىن 20 مىليارد 740 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7 مىليارد 620 مىليون يۈەن كۆپ ئاشتى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇلى مۇقىم ئاشتى. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 383 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %13 بولدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭ قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 1 ـ پەسىلدە يېڭىدىن 13 مىليارد 110 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 550 مىليون يۈەن كۆپ ئاشتى.
1 ـ پەسىلدە، كارخانىلارغا يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە يەنىمۇ تۆۋەنلىدى، ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %4.07 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.46 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %4.86 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن ھالەت بارلىققا كەلدى.