شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى تارقاتقان ئىناۋەتلىك زايوم 38 بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 25 مىليارد 85 مىليون يۈەن بولغان؛ 1 - پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىناۋەتلىك زايوم ساقلانما مىقدار قالدۇق سوممىسى 221 مىليارد 610 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
كارخانا ئىناۋەتلىك زايومى كارخانا زايومى، غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ قەرز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالى، شىركەت زايومىغا بۆلۈنىدۇ. رايونلارغا تارقىلىشىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا زايوم تارقىتىش سۇبيېكتى ئاساسلىقى شىمالىي شىنجاڭغا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىگە مەركەزلەشكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ يۆچى مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك زايوم خەۋپ - خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، زايوم بازىرى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
زايوم تارقاتقان كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1 - پەسىلدە شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى زايوم بازىرى ئارقىلىق 600 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بىز بۇ يىل زايوم ئارقىلىق 3 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى پىلانلىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليارد يۈەننى كەسىپنى يېتەكلەش فوندىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا <سەككىز>غا ئالاقىدار تۈر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى زوۋ جىجۈن.
«زايوم بازىرىغا نۇرغۇن كەسپىي ئاپپارات مەبلەغ سالغۇچىلىرى توپلانغان، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتكىلى بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى كاپىتال بازىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تۇڭ لوشىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، زايوم بازىرى شىركەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، بۇ، كارخانىلارنىڭ قېلىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
شۇڭا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى كاپىتالى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى توغرىسىدا يۈزتۇرا كېڭىشىشكە يېتەكلەيدۇ.
4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، «2023 - يىللىق شىنجاڭ رايونىدىكى زايوم تارقىتىش سۇبيېكتلىرى - مەبلەغ سالغۇچىلار ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭدىكى 29 زايوم تارقاتقان كارخانا پائالىيەتكە قاتناشتى. كۆپلىگەن كارخانا پائالىيەت نەق مەيدانىدا مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتتى ھەمدە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.
تۇڭ لوشىڭ مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭدىكى زايوم تارقاتقان كارخانىلارنى تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ، بازارلاشقان مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، 72 مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتىنىڭ ئانالىزچىلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش دىرېكتورلىرى ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.
بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ يەنە شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش شىركىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زايوم بازىرىنىڭ يەرلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «زايوم تارقىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ خىزمەت ھازىر پائال ئالغا سىلجىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
تۇڭ لوشىڭ مۇنداق دېدى: ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش شىركىتى كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىشىنى ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، شىنجاڭ كارخانىلىرى زايوم تارقاتقاندا زايوم سېتىۋېلىپ، ئىناۋەتنى قوغداش كېلىشىمى قاتارلىق ئىناۋەت خەۋپ - خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى ئارقىلىق رايوننىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
شېنۋەن خۇڭيۈەن ئاكسىيە چەكلىك شىركىتى زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش 3 - بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى شيا گاڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك زايومىنى سېتىپ بېرىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. «بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەڭ يېڭى سىياسەت ۋە ئەڭ يېڭى تۈرلەرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ شارائىتقا قاراپ زايوم تۈرىنى لايىھەلەپ بېرىمىز».