شىنجاڭ گېزىتى، تيەنجىن، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 25 - كۈنى ئىككى كۈندە، تيەنجىن چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئوپېرا زالىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى. مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» بۇ جايدا ئۇدا ئىككى مەيدان ئورۇنلىنىپ، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە يېڭى دەۋردىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكى، ئادەملىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىكىنى بايان قىلدى.
«بۇ ئويۇن كىشىلەرگە قەلبلەرنى روھلاندۇرىدىغان بىر خىل تۇيغۇ بېرىدىكەن، بىر خىل كۆتۈرەڭگۈلۈككە، جۇشقۇنلۇققا ئىگە ئىكەن، پۈتۈن مەيدان كېچىلىك بىزگە ھاياتىي كۈچكە تولغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭنى نامايان قىلىپ بەردى. ئويۇن بەك قالتىس بولدى، دەل <ئەڭ> دېگەن سۆزنى ئىسپاتلاپ بەردى.» كۆرۈرمەن شى جۈەن مۇنداق دېدى: بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوغلۇم بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئويۇننى كۆرۈپ ماڭا كۆرۈشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغانىدى.
جاڭ لىڭ شىنجاڭدا تۇغۇلغان، ھازىر تيەنجىندە خىزمەت قىلىپ ئېرى، بالىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۇ ئىككى قىزىغا ئالايىتەن شىنجاڭ ئامىلىغا ئىگە جىلىتكە كىيگۈزۈپ، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيدۈرۈپ، بىر ئائىلىدىكى تۆت كىشى خۇشال ھالدا ئويۇن كۆرگىلى كەلدى. «ئويۇننى ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلدىم، بۇ دەل ماڭا تونۇشلۇق بولغان يۇرتۇم. ياڭراق ناخشا ئاۋازى، گۈزەل ئۇسسۇل، تەسىرلىك مۇزىكا، ھەربىر كۆرۈنۈش ناھايىتى قالتىس بولۇپلا قالماي، يەنە بەكمۇ تونۇش» دېدى جاڭ لىڭ.
داپ ئۇسسۇلى «ئۈزۈم ئۈزۈش»تە، داپچىنىڭ يۇقىرى چېلىش ماھارىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، كۆرۈرمەنلەر داپ رىتىمىغا جور بولدى. ئۇسسۇل ئارتىسى گۈزەل ھەرىكىتى ۋە مول چىراي ئىپادىسى بىلەن، باش پېرسوناژنىڭ تاتلىق ئۈزۈم ۋە ئاچچىق ئۈزۈم ئۈزۈپ يېگەن چاغدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىچكى ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بەئەينى راستتەك تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەر كۆرۈرمەنلەرنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرۈۋەتتى، چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. «<ئۈزۈم> شىنجاڭنىڭ كىلاسسىك ئۇسسۇلى، بۈگۈنكى ئويۇن كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بەردى. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى بىلەن ئۇسسۇل ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھۇزۇرلىنىش ئادىتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپتۇ» دېدى 65 ياشلىق كۆرۈرمەن جاۋ خەي چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا.
تېببىي خىزمەتچى چى شياۋجۈەننىڭ بىر يېرىم يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت كەچۈرمىشى بار، «ئويۇننى كۆرۈپ خۇددى شىنجاڭغا يەنە قايتىپ كەلگەندەك بولدۇم، بۇنىڭدا ھەم ماڭا تونۇش بولغان ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكىلار بار ئىكەن، ھەم ماڭا ناتونۇش بولغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بار ئىكەن. شىنجاڭ ياخشى جاي، مەن چوقۇم پۇرسەت تېپىپ يەنە بېرىپ، ئۇ يەردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىمەن».