دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش رەقەم ئارقىلىق تەرەققىياتنى سۆزلەش | 1-پەسىلدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر ② «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تىيەنجىن بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خام چوت كىرىمى %21.4 ئاشتى چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا يېڭىدىن بىر قانچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلى خەيخې دەرياسى ساھىلىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى ئاقسۇ زېمىنىدا ئۆزگىرىش ياساش، زورىيىشنىڭ «باھار كۈيى» ياڭرىدى ۋىلايەت بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى 40 مىليون يۈەن مەبلەغگە ئېرىشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تىيەنجىن بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-28 11:12:19

شىنجاڭ گېزىتى، تيەنجىن، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تيەنجىن بېكىتى) پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تيەنجىن مۇزىكا شۆيۈەنى، تيەنجىن ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى، تيەنجىن ياشلار دوستلۇق ئەلچىسى سەنئەت ئۆمىكىدىكى كۆپلىگەن كەسپىي زاتلار ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ تىياتىرغا قارىتا يۇقىرى قاتلاملىق، كۆپ نۇقتىلىق ئىدىيە ئۇچرىشىشى ۋە مۇھاكىمە - تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشقا كۈچ قوشتى.

يىغىنغا قاتناشقانلار ئويۇنغا يۇقىرى باھا بېرىپ، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ھەم تۇرمۇشتىن كەلگەن، ھەم دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلغان، ئىدىيەۋى چوڭقۇرلۇققا ۋە روشەن يەرلىك ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان كېچىلىك بوپتۇ، دەپ قارىدى.

«تيەنجىندە يۇرتۇمنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى تەسىرلەندىم، شۇنداقلا ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.» تيەنجىن مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ بەدىئىيلىكى يۇقىرى، مەزمۇنى روشەن تىياتىر نومۇرى ئىكەن. پۈتكۈل كېچىلىكنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپتۇ، ھەم ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر سەنئىتىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. شىنجاڭنىڭ مۇشۇنداق ئويۇنلارنى كۆپرەك قويۇشىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئارقىلىق شىنجاڭنى تونۇشى، شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» ناملىق ئۇسسۇل تيەنجىن ياشلار دوستلۇق ئەلچىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى چېڭ يۆدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، «ئويۇندا، كۆرۈرمەنلەر داپ رىتىمىغا جور بولۇشتى، بۇ خۇددى ئۇسسۇلنى تەڭ ئوينىغاندەك تەسىر بېرىپ، كىشىگە شادلىق تۇيغۇسى بېغىشلىدى، مەن بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خۇشال - خۇرام، بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم».

تيەنجىن ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى خۇي ئويۇن ئارقىلىق شىنجاڭدىن كەلگەن قىزغىن ھېسسىياتنى ھېس قىلدى، «كېچىلىكتە ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشتىكى ناھايىتى ياخشى ۋاسىتە بوپتۇ. شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆرۈرمەنلەرگە مودا، زامانىۋى شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىپتۇ».

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە بېيجىڭ، تيەنجىندە ئورۇنلاندى، ھەربىر مەيدان ئويۇندا زال كۆرۈرمەنلەر بىلەن لىق تولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسى ئۈزۈلمىدى. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ تىياتىر يەنە خاڭجوۋ، گۇاڭجوۋ ۋە شېنجېندا ئورۇنلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش