دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش رەقەم ئارقىلىق تەرەققىياتنى سۆزلەش | 1-پەسىلدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر ② «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تىيەنجىن بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خام چوت كىرىمى %21.4 ئاشتى چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا يېڭىدىن بىر قانچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلى خەيخې دەرياسى ساھىلىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى ئاقسۇ زېمىنىدا ئۆزگىرىش ياساش، زورىيىشنىڭ «باھار كۈيى» ياڭرىدى ۋىلايەت بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى 40 مىليون يۈەن مەبلەغگە ئېرىشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-28 11:13:06

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، بىرازىلىيە، كۇبا، نېپال، ئىران، ۋىيېتنام، كامبودژا، سېنېگال، ئېكۋادور، ھىندونېزىيە، بىرما، تايلاند، ئۇگاندا، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى قەشقەرگە كېلىپ، شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش سەپىرىنى باشلىدى.

قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، باش كونسۇللار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، قەشقەر شەھىرى كوناشەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى، ھېيتگاھ مەسچىتى، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىي چالغۇ كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا پىيادە مېڭىپ ئايلانغاندا، كوچىلار پاكىز، رەتلىك، ئىككى تەرەپتىكى دۇكانلاردا ئادەملەر كۆپ بولۇپ، ھەر خىل قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر ياندىشىپ ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بالىلار كوچىلاردا خۇشال ئوينىشىۋاتاتتى... مۇشۇنداق بىر ئىناقلىققا تولغان كۆرۈنۈش باش كونسۇللارنى كۆپ تەسىرلەندۈردى، بولۇپمۇ ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرىكى كوناشەھەر رايونىنىڭ سىن ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە قوللانغان بارلىق تەدبىرى ۋە جاپالىق تىرىشچانلىقىنى بەس - بەستە تەرىپلىدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى ساقلاپ قېلىنىپتۇ، ئاھالىلەر ھازىرمۇ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قەدىمىي شەھەرگە كۆچۈپ كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ، ئادىمىيەت ۋە تارىخ جەھەتتىكى داۋاملىشىش ساقلاپ قېلىنىپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنى دېمىسەكمۇ ھەممىگە ئايان.

150 يىللىق چالغۇ ياساش تارىخىغا ئىگە كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىي چالغۇ كەنتىدە، باش كونسۇللار شۇ جايدىكى سەنئەتكارلارنىڭ چالغان مۇزىكىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ھۈنەر ۋارىسىنىڭ قولدا ياسىغان چالغۇلىرىنى كۆرۈپ، قويۇق بولغان مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلدى.

ئىراننىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ھۈسەيىن ئەلى دارېس مۇتۋارى شىنجاڭ مۇزىكىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كەلگۈسىدە جۇڭگو شىنجاڭ رايونى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

«ھاۋاغا تارالغان خۇش ھىد روھىي كەيپىياتىمنى كۆتۈردى.» پاكىستاننىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش كونسۇلى خۇنان شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: قەشقەردە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتىكى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

«بۇ بىر ئىناق جاي ئىكەن.» بىرمىنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى لۈ جېنسەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەنلىكى، ياشلارنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇردى.

ئۇگاندانىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇدىس سامبابېللا قويۇق مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا ئىكەن، بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەركىن تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. جۇدىس مۇنداق قارىدى: كۆپچىلىك ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش