دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش رەقەم ئارقىلىق تەرەققىياتنى سۆزلەش | 1-پەسىلدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر ② «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تىيەنجىن بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خام چوت كىرىمى %21.4 ئاشتى چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا يېڭىدىن بىر قانچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلى خەيخې دەرياسى ساھىلىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى ئاقسۇ زېمىنىدا ئۆزگىرىش ياساش، زورىيىشنىڭ «باھار كۈيى» ياڭرىدى ۋىلايەت بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى 40 مىليون يۈەن مەبلەغگە ئېرىشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-28 11:20:24

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىستراتېگىيەلىك قايتىدىن تەشكىللەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى - تۆۋەن ماسلاشقان، بۆلەكلەر بىرلەشتۈرۈلگەن، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە دۇنيا» كۆك زال مۇنبىرىگە، 4 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا سانلىق مەلۇمات مۇنبىرىگە، ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى يولىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» پەن قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مول تارىخىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزام - تۈزۈمى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2023 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى تۈزۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يادروغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئىچكى نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغان پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچكى نىزام - تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا نىزامغا ھۆرمەت قىلىش، نىزامنى ئۆگىنىش، نىزامغا رىئايە قىلىش، نىزامنى قوللىنىشقا يېتەكلەپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھالاش چارىسى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەش ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق، ياغ، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات قاتارلىق كەسىپلەر توپىنى پائال بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار لايىھەسى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە ئالاقىدار يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ پەن - تېخنىكا بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملەشكەن مەدەنىيەت ئىستېمالى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى رەقەملەشتۈرۈش، مەدەنىيەت كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن رەقەملىك مەدەنىيەت كۈچىنى تەقدىم قىلىش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى سىياسىي جەھەتتىن ئىگىلەپ، پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، بايلىق كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى سېلىنمىسى، ماددىي كۈچ تەقسىماتى، مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش