شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى جەمئىي 55 مىليارد 720 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9 مىليارد 810 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %21.4 ئاشتى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 134 مىليارد 470 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىلگەن چىقىم 101 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولدى.
4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جۇ جيې 1 - پەسىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.
جۇ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ ئاساس سانى يۇقىرى، ئېشىشى يۇقىرى بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ مالىيە كىرىمى پۈتۈنلەي مۇسبەت ئاشتى، ئون ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ ئېشىش نىسبىتى %10تىن ئاشتى.
1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ باج كىرىمى جەمئىي 32 مىليارد 290 مىليون يۈەن ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق باج تۈرى قوشۇلما قىممەت بېجى تېز تولۇقلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى.
«باجدىن باشقا كىرىمنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولۇش بۇ يىل 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.» جۇ جيې مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرماسلىق ئالدىنقى شەرتىدە، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، بايلىق مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش تۆلەم ھەققى كىرىمى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدا كىرىمى ھەم دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمى قاتارلىق باجدىن باشقا كىرىملەرنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
بۇ يىل شىنجاڭ قېزىلما بايلىقلارنى يېشىل ئېچىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ 3.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى جەمئىي 23 مىليارد 430 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %79.9 ئاشتى.
مالىيە كىرىمى مۇقىم ئېشىش بىلەن بىللە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ مالىيە چىقىمىدا زۆرۈر سىجىللىق ساقلاندى. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 134 مىليارد 470 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، چىقىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 390 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %5 ئېشىپ، مالىيە كىرىم - چىقىمىدا «قوش ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
1 - پەسىلدە، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلەتكەن چىقىم 101 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %75.4ىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون مالىيەسى كۈتۈنۈش، مائارىپ، قاتناش، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئالاقىدار خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ چىقىمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي مۇستەھكەملىدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى 27 مىليارد 890 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.8 ئاشتى؛ سەھىيە - ساغلاملىق چىقىمى 13 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 ئاشتى؛ شەھەر - يېزا مەھەللە چىقىمى 9 مىليارد 480 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 ئاشتى؛ تۇرالغۇ كاپالىتى چىقىمى 2 مىليارد 910 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشتى.