دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش رەقەم ئارقىلىق تەرەققىياتنى سۆزلەش | 1-پەسىلدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر ② «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى (تىيەنجىن بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خام چوت كىرىمى %21.4 ئاشتى چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا يېڭىدىن بىر قانچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلى خەيخې دەرياسى ساھىلىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى ئاقسۇ زېمىنىدا ئۆزگىرىش ياساش، زورىيىشنىڭ «باھار كۈيى» ياڭرىدى ۋىلايەت بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى 40 مىليون يۈەن مەبلەغگە ئېرىشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا يېڭىدىن بىر قانچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-04-28 15:38:05

 4-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئاخبارات ئىشخانىسى ئاۋىياتسىيە كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

جاڭ ياڭ فوتوسى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ياڭ خەۋىرى) تارباغاتاي ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورىنى تېخىمۇ ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ياز ۋە كۈز پەسلىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك−ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىدۇ، چۆچەك−شىخەنزە−شېنياڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىپ ھەر سەيشەنبە، شەنبە كۈنى بىر قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ غۇلجا−چۆچەك−ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، چۆچەك−شىخەنزە−ئاقسۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

    شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادى يېڭى پۇرسەت ۋە تەرەققىياتنى كۈتۈۋالدى، سودا ئالاقىسى قىلىدىغان، سەپەرگە چىقىدىغان ئاممىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، 1-پەسىلدە چۆچەك ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 26 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشتى.

    ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى يەنە چۆچەك−چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر قېتىمدىن نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن؛ 5-ئايدا يېڭىدىن چۆچەك− لەنجوۋ−جېڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر قېتىمدىن نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، شۇ ۋاقىتتا چۆچەك ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى 11 ئايرودۇرۇمنىڭ ھەممىسىگە ئايروپىلان قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

    «ئاۋىئاتسىيە كەسپى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بىز بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. نۆۋەتتە، ئىشلىتىلىۋاتقان چۆچەك ئايرودۇرۇمىدىن باشقا، يەنە دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن شىخو ئايرودۇرۇمى، قوبۇقسار ئايرودۇرۇمى تۈرىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى ئايرودۇرۇم تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى تېز بېجىرىپ، چۆچەك ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، شىخو ئايرودۇرۇمى، قوبۇقسار ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئىش باشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چۇڭ.

    ھازىر، چۆچەك ئايرودۇرۇمىدىن غۇلجا، ئالتاي، شىخەنزە، قومۇل، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت شىنجاڭ ئىچىدىكى بەش ئايرودۇرۇمغا، شېنياڭ، شىئەن، چېڭدۇدىن ئىبارەت دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ ئايرودۇرۇمغا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش