ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، ۋىلايەت بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى 40 مىليون يۈەن مەبلەغكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى مۇھىم، زور سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەسى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىگە ئىشلىتىپ، تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتقان.
بۇ قېتىم كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 2023 ـ يىللىق ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇھىتنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى سەككىز كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش بىلەن ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقى زورايتىلىپ، يېزىلاردىكى يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەتنى يىغىش ـ يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىمۇ ھەل قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ تۇرمۇش مۇھىتى ھەقىقىي ياخشىلىنىپ، «پاكىز سۇ مەنبەسى، پاكىز يۇرت ـ ماكان، پاكىز سەھرا»دىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سېلىنىدۇ.
ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىغا ئائىت ئىش ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن، ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىز قوغلاپ باشقۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ سېلىنما مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۈر قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش