ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاقسۇ لياڭشىن ئاشلىق ـ ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرى 2 ـ قارارلىق ئىسكىلات قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىدا، ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەر گۈرۈلدەپ، ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئىشچىلار ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى، پولات تۈۋرۈكنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراشلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن ئىدى.
ئاقسۇ لياڭشىن ئاشلىق ـ ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا بولۇپ، قارىمىقىدا تولۇق مەبلەغلىك تارماق شىركەتتىن 10ى، پېيى كونترول قىلىنىدىغان تارماق شىركەتتىن ئىككىسى ۋە پاي قاتناشتۇرغان شىركەتتىن بىرى بار، بۇ شىركەت «ئاساسىي كەسىپنى كۈچەيتىش، كۆپ مەنبەلىك تىجارەت قىلىش»تەك تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئاساسەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ،
ئاشلىق ـ ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش بىلەن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش بىرلەشتۈرۈلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى. 1 ـ پەسىلدە، بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 369 مىليون يۈەن، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 31 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.1 ھەسسە ئاشتى.
ئاقسۇ لياڭشىن ئاشلىق ـ ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خۇاڭ جيەنشيا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە شىركىتىمىز بۇغداي مۇھىم نۇقتا قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى تاكامۇللاشقان، باھا زەنجىرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەمىنلەش زەنجىرى مۇكەممەل بولغان زامانىۋى ئاشلىق ئوبوروت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاشلىق «ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئوبوروت ئۈنۈمى ۋە تەشكىللىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز.
ئاقسۇ لياڭشىن ئاشلىق ـ ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسىنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئەۋزەللىكنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، 1 ـ پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسى ۋەزىپە ـ كۆرسەتكۈچلەرگە چىڭ قادىلىپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي كەسىپ يېتىلدۈرۈش، بازار ئېچىش، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئىچكى قىسىمدا يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتكەچكە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى، پايدىسى ئېشىپ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايىتىمىز بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.6 ئاشتى؛ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.9 ھەسسە ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتا 2 ـ ئورۇندا تۇردى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ۋىلايىتىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايون كارخانىلىرى قاتارلىق ئەۋزەل كارخانىلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، دىققەتنى كەسىپلەرنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېزلىتىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە چىڭ قادىلىپ، كۆپ مەبلەغ سېلىپ تېز قۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېز شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش