دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى ئاقسۇ زېمىنىدا ئۆزگىرىش ياساش، زورىيىشنىڭ «باھار كۈيى» ياڭرىدى ۋىلايەت بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدىكى 40 مىليون يۈەن مەبلەغگە ئېرىشتى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى شىنجاڭ خەلقئارا يېمەكلىك، يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى ۋە يېمەك-ئىچمەك يىپەك يولى مەززىلىك تائاملار يىغىلىشى 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى تيەنجىندە ئورۇنلاندى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 310 نۆۋەتچى پويىزنى كۆپەيتىپ، «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپەرگە قولايلىق يارىتىدۇ شىنجاڭ كىنو مۇزېيى قۇرۇلۇشىنى 5-ئايدا باشلاش پىلانلاندى ۋىلايىتىمىزدىن بىر كوللېكتىپ، بىر شەخس مەملىكەت بويىچە «ئىككى قىزىل بايراقدار، ئىككى مۇنەۋۋەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋىلايىتىمىز 2023 ـ يىلى 2 ـ تۈركۈمدىكى 1 مىليارد 420 مىليون يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايوم مەبلىغىگە ئېرىشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاقسۇ زېمىنىدا ئۆزگىرىش ياساش، زورىيىشنىڭ «باھار كۈيى» ياڭرىدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-04-28 12:06:56

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يەن جۈنلەن)

  مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرگەن قۇرۇلۇش ئىش ئورۇنلىرى، ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەر گۈرۈلدىگەن زاۋۇت ئۆيلىرى، سېخلار، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشچىلار... ئەتىيازنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئارىلىساق، ئىناقلىق، گۈزەللىككە تولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن «تېز سۈرئەتلىك يول» ياساپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھالقىما تەرەققىياتنىڭ جۇشقۇن كۈچى ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

  كۈچلۈك موتور ياساپ، تەرەققىيات ئۈچۈن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاش

  نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى نەق مەيدانىنىڭ ھەممە يېرىدە تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا.

  4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، مۇخبىر كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئاۋفۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلارنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى، تۈرلۈك ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  بۇ تۈر كۇچا شەھىرىنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتىكى نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلغان تۈرى بولۇپ، 1 ـ قارارغا جەمئىي 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىلىغا 300 مىڭ توننا بىرىكمە ئاممىياك، 160 مىڭ توننا مېلامىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇ تۈرنىڭ يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق سېتىش كىرىمىنى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، يىللىق باج ـ پايدىنى تەخمىنەن 400 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ،500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۆلچەرلەندى.   

شىنجاڭ ئاۋفۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ ئاۋفۇ پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيى كونترول قىلىنىدىغان تارماق شىركىتى بولۇپ، ئۇ مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۇچا شەھىرىنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقىدىن پايدىلىنىدۇ، تىجارەت دائىرىسى ئاساسلىقى مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش قاتارلىق ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىقى مېلامىن، يېڭى تىپتىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ماتېرىيالى ۋە تۆۋەنكى ئېقىن نازۇك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، تەخمىنەن 8 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى. تۈر تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، يىلىغا مېلامىن، يېڭى تىپتىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ماتېرىيالى ۋە تۆۋەنكى ئېقىن نازۇك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدىن 2 مىليون توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىللىق سېتىش كىرىمىنى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭ ئاۋفۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتوى خې لېي مۇنداق دېدى: بىز كۇچا شەھىرىنىڭ تەبىئىي گاز، نېفىت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ نازۇك خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، مەبلەغنى ئۈچ قارارغا بۆلۈپ سېلىشنى پىلانلىدۇق، تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، كۇچا شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت «يەتتە بازا» ۋە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئورۇن بېكىتىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىشنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تىرەك قىلىپ، سېلىنما ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پۇختا قەدەمدە ئېشىشى، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايەت بويىچە ئورۇندالغان مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 6 مىليارد 752 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %19.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان 406 تۈردە 100% ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭغا سېلىنغان سېلىنما 4 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە يەتتى، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 596 تۈرنىڭ 564ىدە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلىنىش نىسبىتى %94.6كە، جەمئىي سېلىنما 1 مىليارد 850 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ زاپاس 211 تۈرنىڭ 95ىدە ئايلاندۇرۇلۇپ ئىش باشلىنىپ، ئايلاندۇرۇلۇش نىسبىتى %45كە، جەمئىي سېلىنما 172 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  كەسىپ توپىنى زورايتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

  ھازىر، شىنجاڭ كېشىن ئېغىر جابدۇق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەر گۈرۈلدەپ، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ھەر خىل تىپتىكى بېسىملىق ئىدىشلارنى قۇراشتۇرۇش، ياساش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  شىنجاڭ كېشىن ئېغىر جابدۇق چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بويىچە بېسىملىق قاچا ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ چوڭ كارخانا بولۇپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كارخانىلارنى مەخسۇس چوڭ تىپتىكى بېسىملىق قاچا، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بازارنىڭ ھەر خىل بېسىملىق قاچىغا بولغان ئېھتىياجى شىددەت بىلەن كۆپەيگەچكە، بۇ شىركەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.

  شىنجاڭ كېشىن ئېغىر جابدۇق چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لياۋ يۈ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ بۇلتۇرقى سېتىش سوممىسى 120 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە 30 مىليون يۈەنلىك زاكازنى ئۈلگۈرتتۇق، پۈتۈن يىللىق سېتىش سوممىسىنى 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشىمىزدىن ئۈمىد بار.

  زاكاز يېتەرلىك بولۇش، جىددىي ئىشلەپچىقىرىش ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)، ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق باغچە رايونلىرىدىكى ھەرقايسى كارخانىلاردا ئوخشاشلا نامايان بولدى. بۇ كارخانىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پۈتۈن يىلدا نەتىجىلىك بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  سانائەت مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ؛ سانائەت كۈچەيسە، ئاقسۇ تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، مۇھىم ئامىللار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ۋىلايەت قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ يۈرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سانائەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى ئىگىلەپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى تەرەققىيات قىزغىنلىقىنى تولۇق قويۇپ بەرمەكتە.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت «ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»نى چۆرىدەپ، ئەڭ ياخشى ھالەت، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن، تۈرنى تۇتۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات دولقۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  ۋىلايەت سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاي بويىچە تەقسىملەش نىشان ـ ۋەزىپىسىگە سېلىشتۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنى يۈرۈشتۈرۈشنى ئايدا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى دائىملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ئايدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر پەسىلدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئالاقىدار ماس كۆرسەتكۈچى، باغلىنىشلىق كۆرسەتكۈچىنى سانلىق مەلۇمات بويىچە نۇقتىلىق تەھلىل قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنى ئالدىن سىگنال بېرىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى. ۋىلايەتنىڭ مۇشۇ ساھەگە مەسئۇل رەھبەرلىرى نۇقتىلىق ناھىيە (شەھەر)لەرگە بېرىپ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىۋاتقان مەسىلىلەرنى توپلاپ ۋە ئىگىلەپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىر ـ چارىلەرنى قاراتمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ، كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيال قىس بولۇش، تۈرنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش تەس بولۇش، مەھسۇلاتنى توشۇش تەس بولۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

  1 ـ پەسىلدە، ۋىلايىتىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى 427 كارخانىنىڭ جەمئىي ئورۇندىغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 9 مىليارد 881 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى.

  كۈچ توپلاپ مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

  «ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ياخشى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى»، «تىجارەت ـ سودا مۇھىتى شۇنچە ياخشى بولغاچقا، كارخانىمىزغا ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى»... ئاقسۇنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كارخانا مەسئۇللىرى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ شۇنداق دېيىشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كارخانىلارنى سىياسەت مەدىتى، مۇھىم ئامىل كاپالىتى، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەپ، «تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ھەممە كىشىگە باغلىق، ھەممە ئىش ئاقسۇنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك» دەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، «ئاقسۇ سۈرئىتى»، «ئاقسۇ ئىللىقلىقى» ۋە «ئاقسۇ سالمىقى»نى تولۇق نامايان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ جۇشقۇن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتتى.

  ۋىلايەت «كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ، 31 نەپەر نازىر دەرىجىلىك رەھبەر، 116 نەپەر ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك (2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى) رەھبىرىي كادىرنى 217 كارخانا بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلار كارخانىلارغا پائال چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايەت ۋە ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى جەمئىي 244 كارخانا (قېتىم)نى زىيارەت قىلىپ، 21 قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

  ۋىلايەت يەنە بىرىنچى سەپتە ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى «توسۇق» ۋە «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە ياردەملىشىپ بېجىرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئائىلە خىزمەتچىسى شەكلى»دە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق كارخانىلارنى خاتىرجەم تەرەققىياتنى كۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر پۈتۈش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈش، كۈچلۈك كارخانىلارنى جەلپ قىلىش، ئەلا مەھسۇلاتلارنى تاللاشنى نىشانلاپ، ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ ماكانلىشىشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، ۋىلايەت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى تەشكىللەپ، جەمئىي 145 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئاساسلىقى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدىگەن بولۇپ، زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە ئۈزلۈكسىز كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىش كاپالەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەۋزەل بايلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك مۇھىت ئارقىلىق كېلىشىم ئىمزالانغان مەبلەغنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇقىم مۈلۈك مەبلىغىگە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرنىڭ ماكانلىشىپ قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى روياپقا چىقىرىدۇ.

  شامالنىڭ چىقىشى دەل يەلكەن چىقىرىدىغان پەيت، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى سەھىپىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىققۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش