دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭنىڭ يەككە ئايدىكى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسى تۇنجى قېتىم 20 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-24 12:21:11

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 5 ـ ئايدا 28 مىليون 950 مىڭ كىلوۋات سائەت يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىنى تەشكىللەپ تاماملايدىكەن، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا بازىرى ئېچىلغاندىن بۇيان، يەككە ئايلىق سودىدا تۇنجى قېتىم 20 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى نىشان نەرسە قىلغان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بازار مېخانىزمى رامكىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان سودا تۈرى بولۇپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قىممىتى ۋە مۇھىت قىممىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ ھەم مۇناسىپ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمال ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول بولۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېشىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك مەنبەسى گېنېراتورلار سىغىمى جەمئىي 117 مىليون 210 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 43 مىليون 170 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا، غەربىي شىمال بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى 2022 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسىنى تەشكىللىدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدا پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى جەمئىي 72 مىليون 290 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يەتتى. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسىدا پۈتۈشۈلگەن كۆلەم 2022 ـ يىلى پۈتۈشۈلگەن كۆلەمنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى «2023 ـ يىللىق شىنجاڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىغا قاتنىشىش قوللانمىسى»نى تۈزۈپ، نەق مەيداندا تەربىيەلەش، سىنلىق دەرس سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىي 800 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش