دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭدا پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-24 12:21:56

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى «پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە شىنجاڭدا پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، نىشانلىق باھا سەۋىيەسى بويىچە ھەر توننىسىنىڭ 18600 يۈەن بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتى رامكىسى ئۆزگەرمەي، قوللاش سالمىقى مۇقىم بولۇش ساقلىنىپ، پاختىكارلارنىڭ ئاساسىي پايدىسى ۋە كېۋەز تېرىش ئاكتىپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسەتنى يولغا قويۇش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پاختا ھوسۇلى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالاقىدار مېخانىزملارنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا نىشانلىق باھا سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. داۋاملىق تۈردە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىگە مۇۋاپىق پايدا قوشۇپ باھا بېكىتىش پىرىنسىپى بويىچە نىشانلىق باھا سەۋىيەسى بېكىتىلىدۇ، مۇۋاپىق پايدا پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى، بازار ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە مالىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىپ بېكىتىلىدۇ. 2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ پاختا نىشانلىق باھا سەۋىيەسى بويىچە ھەر توننىسى 18600 يۈەن بولىدۇ، ئەگەر پاختا بازىرى ۋەزىيىتىدە مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولسا، گوۋۇيۈەنگە سۇنۇپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەڭشەشكە بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ھەمدە شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقى، تېرىلغۇ يەر بايلىقى ئەھۋالىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، شىنجاڭ پاختىسىغا قارىتا تۇراقلىق مەھسۇلات مىقدارى بولغان 5 مىليون 100 مىڭ توننا بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سۈپەتنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نىشانلىق باھا ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە سۈپەت ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇپ، سۈپەت ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، «ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە يۇقىرى تولۇقلىما بېرىش»تىن پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كېۋەزگە قىسمەن باب جايلارنىڭ كېۋەز تېرىشتىن چېكىنىپ چىقىشىغا پائال، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش رايونىغا مەركەزلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ شىنجاڭ بويىچە پاختا بىرتۇتاش بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چىگىتلىك پاختىنى سېتىپ بېرىشتە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ پاختا بازىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى، ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ «كەسپىي جەھەتتىن ئامباردا ساقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش + ئامباردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بويىچە تەكشۈرۈش» تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ ھەم ئالاقىدار تەدبىرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بازار باھاسى نىشانلىق باھادىن يۇقىرى بولغاندا ئالاقىدار مېخانىزملارنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ سۇغۇرتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

2014 ـ يىلى دۆلەت شىنجاڭدا پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پاختىكارلارنىڭ كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولدى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۈجۈپىلىك بولدى، پاختا سۈپىتى تەدرىجىي ئۆستى، پاختا كەسىپ زەنجىرى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىلىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش