دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-24 12:23:45

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ۋالىي لى گوپىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 ـ يىلى 2 ـ ئايدىن 2020 ـ يىلى 2 ـ ئايغىچە، لى گوپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەتتە نەپەر باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان جەمئىي 130 مىڭ يۈەن سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان. لى گوپىڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئالتاي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق 2 ـ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى جاسېنبېك كەكېننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقلەرنى باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016 ـ يىلى 6 ـ ئايدىن 2021 ـ يىلى 12 ـ ئايغىچە، جاسېنبېك كەكېن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇمنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 27 مىڭ يۈەن بولغان؛ ئۆزى شەخسىي ئىستېمال قىلغان 7100 يۈەننى باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. جاسېنبېك كەكېندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جاڭ چىڭمىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش، زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە ھەر يىلى باھار بايرىمىدا، جاڭ چىڭمىن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 13 نەپەر باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان جەمئىي 402 مىڭ يۈەن سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ 2021 ـ يىلى 4 ـ ئايدىن 2022 ـ يىلى 9 ـ ئايغىچە، جاڭ چىڭمىن باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەرگەن؛ 2018 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن 2022 ـ يىلى 8 ـ ئايغىچە، جاڭ چىڭمىن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان. جاڭ چىڭمىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ زىبىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن 2021 ـ يىلى 1 ـ ئايغىچە، جاڭ زىبىن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 18 نەپەر باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ھاراق ـ تاماكا، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 328 مىڭ 500 يۈەن. جاڭ زىبىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى قاھار ھامۇتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 ـ يىلى 8 ـ ئايدىن 2019 ـ يىلى 3 ـ ئايغىچە، قاھار ھامۇت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توققۇز نەپەر باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ھاراق ـ تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 79 مىڭ 900 يۈەن. قاھار ھامۇتتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئىلى دۆلەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى گو بوجىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن 2022 ـ يىلى 2 ـ ئايغىچە، گو بوجىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 20 نەپەر باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ھاراق ـ تاماكا، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 340 مىڭ 200 يۈەن؛ باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنىڭ جەمئىي 9000 يۈەن ساياھەت خىراجىتىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان؛ كۆپ قېتىم ئىدارىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئوپچە تاماق يېيىشكە قاتنىشىش، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى سىرتقا چىققاندا ئاپىرىپ ئەكېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن. گو بوجىڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يۇقىرىقى ئالتە تىپىك مەسىلە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قايتا ـ قايتا تەكىتلەۋاتقان، قاتتىق جازالاپ، قاتتىق ئىدارە قىلىۋاتقان يۇقىرى بېسىم ھالىتىدىمۇ، يەنىلا بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ راھەتپەرەسلىككە، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىق، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن چەتنىگەنلىك، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىغا چېقىلغانلىق بولۇپ، تەسىرى ئىنتايىن ناچار، ساۋىقى ئىنتايىن چوڭقۇر. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىبرەت ئېلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك ـ دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

«1 ـ ماي»، دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرغان ـ ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەن ـ ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزغان ـ تۇرغۇزمىغانلىقى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغدىغان ـ قوغدىمىغانلىقىنى «ئىككىنى قوغداش»نى تەكشۈرۈپ سىناشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ھەرىكىتىدە نامايان قىلىپ، خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، بايرام مەزگىلىدە ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا تەربىيە بېرىش، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىللار يوشۇرۇن باش كۆتۈرىدىغان تۇپراقنى كۈچەپ تازىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش ـ ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ ـ ئىچىش، زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق «تۆت خاھىش»قا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، قايتا ـ قايتا زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلىشى كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش بىلەن يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا ئىشلەپ، مەسىلە ئارقىلىق يوچۇقنى تەكشۈرۈپ ئېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىپىك ئادەم ۋە ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش