دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»نى پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە قويۇش بويىچە بېيجىڭ بېكىتىدىكى ئويۇننىڭ پۈتۈن توردا كۆرۈلۈش مىقدارى 17 مىليون 647 مىڭ قېتىم بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-24 12:27:19

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ناخشا ـ ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر <يۈز> تۇنجى بېكەت (بېيجىڭ بېكىتى)تە قويۇلدى، بىز مىگۇ سىن سۇپىسى، شىنجاڭ ياخشى جاي ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق پۈتۈن توردا بىۋاسىتە تارقاتتۇق، پۈتۈن توردىكى كۆرۈلۈش مىقدارى 17 مىليون 647 مىڭ قېتىمغا يەتتى» دېدى 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، بۇ ئويۇننىڭ تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شياڭ مۇخبىرغا.

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تىياتىردا دۆلەت ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپلىرى يىغىلىپ سەھنە گۈزەل سەنئەت لايىھەلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان يۇقىرى سۈپەتلىك ئويۇننى تەقدىم قىلدى.

بۇ ئويۇننىڭ ئىجادىيەت، ئورۇنلاش كوللېكتىپى مىللىي چالغۇلارنىڭ ھازىرقى زامان سەنئەت سەھنىسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تاماشىبىنلارنى بۇلارنى بىۋاسىتە كۆرۈپ، سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەسىلەن، پەرھات ياسىننىڭ شىنجاڭچە خاسلىققا باي «داپ ئۇسسۇلى» «ئۈزۈم ئۈزۈش»تە داپ تەڭكەش قىلىنغان بولۇپ، تاماشىبىنلارغا شىنجاڭ مىللىي چالغۇلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

«شىنجاڭ <ناخشا> دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئويۇنغا شىنجاڭنىڭ ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى مەركەزلەشكەن، ئۇنىڭدا ھەم كونا ناخشىلار بار، ھەم يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر بار.» «گۈزەل شىنجاڭ» ناملىق ناخشىنى ئۇلاپ ئېيتىشتا گاۋ ئاڭ تاماشىبىنلارغا «كۆكتوقايدىكى پادىچى» ناملىق ناخشىنى تەقدىم قىلدى، قىزغىن ئالقىش ساداسىدىن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

«كۆپ مەنبەلىك سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىكىشى مىللىي چالغۇلارنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇسسۇل ۋە باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ قالتىس نامايان قىلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى» دېدى بۇ ئويۇننى سەھنىلەشتۈرگۈچى سېنارىست ۋە رېژىسسور سۈن فاڭ.

يۇقىرى سۈپەتلىك نومۇرلار داڭلىق ئارتىسلارنى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تىياتىرغا مەدەت بېرىشكە جەلپ قىلدى. «مېنىڭ يۇرتۇم ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇب ـ شىمالىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل...» ئارتىس تۇڭ لىيا، ۋەن چيەن، جىن چېن قاتارلىقلار ئويۇننىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇرۇپ، پۈتۈن توردا دىققەت قوزغىدى. «شىنجاڭنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالدىم!» «شىنجاڭغا بارغانىدىم، يەنە بارغۇم كېلىۋاتىدۇ»... تورداشلار شىنجاڭغا بولغان چىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئويۇن قويۇش بازىرىنى يېتىشتۈردى. «بۇ قېتىمقى ئويۇن مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشتا ئېلىپ بېرىلغان يېپيېڭى سىناق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى ھەر تەرەپلىمە يۇغۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، <شىنجاڭ> مەدەنىيەت ـ ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ داڭقى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە پائال تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش