دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

​شىنجاڭدىن 14 كوللېكتىپ، 20 شەخس تەقدىرلەندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-23 11:58:08

مەملىكەت بويىچە «ئىككى قىزىل بايراقدار، ئىككى مۇنەۋۋەر»لەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىن 14 كوللېكتىپ، 20 شەخس تەقدىرلەندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گۇەن مېڭيىڭ، لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا تەقدىرلەش قارارى چىقىرىپ، بىر تۈركۈم مەملىكەت بويىچە 4 - ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق كومىتېتى (ئىتتىپاق ياچېيكىسى)، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرىنى تەقدىرلىدى، شىنجاڭدىن 14 كوللېكتىپ، 20 شەخس (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەقدىرلەندى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق يەتتە كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە 4 - ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق كومىتېتى دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە بازىرى يانبۇلاق كەنتى ئىتتىپاق ياچېيكىسى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چاقىلىق بازىرى غالىبىيەت مەھەللىسى ئىتتىپاق ياچېيكىسى قاتارلىق يەتتە كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە 4 - ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى تاملىق كەنتىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى ئادىل تۇنىياز قاتارلىق توققۇز كىشى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۇخاۋچۈ يېزىسى يۇقارقى ئۇخاۋچۈ كەنتى ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ خاۋ قاتارلىق 11 كىشى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى دېگەن نامغا ئېرىشتى.

مەملىكەت بويىچە 4 - ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق كومىتېتى (ئىتتىپاق ياچېيكىسى)، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەسىس قىلغان، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئىتتىپاق كادىرلىرىغا بېرىلىدىغان ئىتتىپاق ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش