دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگو (شىنجاڭ) − ئۆزبېكىستان ئىقتىساد - سودا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-23 12:11:22

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) − ئۆزبېكىستان ئىقتىساد - سودا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

چېن ۋېيجۈن سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتناشقان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەزىز مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە زاتلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى جاي مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تاشقى ئالماشتۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تاشقى ھەمكارلىق يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلماقتا.

ئۆزبېكىستان مەبلەغ سېلىش، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇللام تېشابايېف سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يەنە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ نىشانى ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد - سودا، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش