دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

بۇ يىل شىنجاڭ پىلان بويىچە 935 مىڭ مو يەردە ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملايدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-23 12:18:23

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: ھاۋا رايىنىڭ تېز ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتىياز پەسىللىك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقا ـ ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. بۇ يىل، شىنجاڭ پىلان بويىچە 935 مىڭ مو يەردە ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملايدۇ، بۇ، پۈتۈن يىللىق ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ تەخمىنەن %60ىنى ئىگىلەيدۇ.

بۇ يىل ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 42 يىللىقى، دۆلەت شىنجاڭغا چۈشۈرگەن ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسى جەمئىي 1 مىليون 558 مىڭ 400 مو بولۇپ، شىنجاڭ 935 مىڭ مو ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملاشنى پىلانلىدى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭدا 556 مىڭ 200 مو ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىش تاماملانغان، 826 كەنتتە كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان، كۆكەرتىش كۆلىمى 61 مىڭ 700 مو بولغان.

شىنجاڭ چېكىنگەن ئىھاتە ئورمانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش، تولۇقلاپ تىكىش، تولۇقلاپ بىنا قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئېتىز ئىھاتە ئورمىنىنى ئاساس قىلغان چېكىنگەن ئىھاتە ئورمانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ 1000 كەنتتە يېزا ـ كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى داۋاملىق قوللاپ، بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىش، بوشىتىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمىنى ئاشۇرىدۇ؛ قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغداش ھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەردە ئىپتىدائىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

بۇ يىل، دۆلىتىمىز «ئالاقە تورى + ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، 84 «ئالاقە تورى + ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش» تۈرى پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش تورىغا چىقىرىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 81ى ئەمگەكتە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش پائالىيىتى، ئۈچى پۇل ئىئانە قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش پائالىيىتى.

ھازىرغىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 28 مىليون 864 مىڭ 900 تۈپ مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشنى تاماملىدى، 2 مىليون 502 مىڭ 900 ئادەم قېتىم مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش