دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

دائىملىق سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-23 12:20:53

شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى:

دائىملىق سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

يېقىندا، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇنجى قېتىملىق كەسىپ تەرەققىياتى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپى، پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تىجارەت ـ سودا مۇھىتى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى. شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دېڭ مياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: كەسىپ تەرەققىياتى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبىتى دەل تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

سۆھبەت يىغىنىدا شۇنفېڭ، شېنتۇڭ، جىتۇ، دېباڭ قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ باش ئىشتابى مەسئۇللىرى تېز يەتكۈزۈشكە مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى، تېز يەتكۈزۈش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، چېگرا ھالقىغان يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قارالمىلار بويىچە خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى، ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆپچىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مۇنداق ئۈچ جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى: بىرىنچى، تەرەققىياتنى پىلانلاش. ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى باش ئىشتابلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈشى، بولۇپمۇ تېز يەتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، چېگرا ھالقىغان يەتكۈزۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىن پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئاساسىي قاتلام تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش. ھەرقايسى كارخانىلار بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ ئالاقىدار قانۇن ـ نىزام ۋە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى؛ تېز يەتكۈزگۈچىلەر توپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى، شان ـ شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى؛ تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە پائال ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش. ئىدارە ئورگىنىدىكى ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلار، پوچتا كەسپى بىخەتەرلىكى مەركەزلىرى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان قىيىن مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

«بۇنىڭدىن كېيىن، كەسىپ تەرەققىياتى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىدا دائىملىق مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلۈپ، سۆھبەت مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىتىلىپ، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ» دېدى دېڭ مياۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش