دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىندى | ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا ئاسفالت ياتقۇزۇش باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-04-19 12:54:35

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جىڭ لىجۈن خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كورلا جەنۇبىي ئۆتۈشمىسىدىن لوپنۇر بۆلىكىگىچە بولغان يولنىڭ ئاسفالتنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياتقۇزۇلۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئاسفالت يېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

4-ئاينىڭ 14-كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ كورلا جەنۇبىي ئۆتۈشمىسىدىن لوپنۇرغىچە بولغان بۆلىكىگە ئاسفالت ياتقۇزماقتا.

جىڭ لىجۈن فوتوسى

  كورلا جەنۇبىي ئۆتۈشمىسىدىن لوپنۇر بۆلىكىگىچە بولغان يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 32 كىلومېتىر بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملاش پىلانلانغان. جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيولىنى ھۆددىگە ئالغان PPP تۈرى ئۈرۈمچى-لوپنۇر توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى 12-بۆلىكى تۈر بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شۈلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بۆلەك ئادەم كۈچى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىش، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاسفالت ياتقۇزۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئاسفالت ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، نۆۋەتتە بۇ يول بۆلىكىدىكى ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملىنىپ، ئىچكى قىسمى زىننەتلىنىۋاتىدۇ، كۆۋرۈك-سۈڭگۈچ، قاتناش بىخەتەرلىكى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارمۇ تەڭ ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

  ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچى شەھىرى G30 لىنىيەسى ساڭفاڭگوۋ ئۆتۈشمىسى غەرب تەرىپىدىن باشلىنىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى چوڭكۆل كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 319.7 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئالتە يىل بولىدۇ. بۇ تۈردە 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاش پىلانلانغان بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان مۇساپە يەتتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ئۈچ سائەت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش