دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.13 ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-19 13:02:18

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان تور سودا سوممىسى 78 مىليارد 755 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.13 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.17 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، توردا پارچە سېتىش سوممىسى 15 مىليارد 882 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.99 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.08 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

1 - پەسىلدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى %37.09، %24.36، %22.48لىك تور سودا سوممىسى بىلەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى.

«توردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قاتارلىقلار تاۋار ئوبوروتىنىڭ تېزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي بۇيۇملارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى كۆلىمىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئاشۇرغان ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 10 مىليارد 897 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.97 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

يېزا رايونلىرىنىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچى ئېشىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيدى. 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلار ئىشقا ئاشۇرغان توردا پارچە سېتىش سوممىسى 7 مىليارد 925 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.72 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.48 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش يوللىرى كېڭىيىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان توردا پارچە سېتىش سوممىسى 5 مىليارد 297 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.28 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە - چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 مىليارد 202 مىليون يۈەن، 581 مىليون يۈەن، 312 مىليون يۈەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تۈرى ئىچىدە چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشتى.

تور سودىگەرلىرىنىڭ سانى تېز ئاشتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا 684 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تور سودىگەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى جەمئىي 251 مىڭ بولۇپ، 2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 3477سى يېڭىدىن كۆپەيدى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى قويۇق بولۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، 1 - پەسىلدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مىقدارى ۋە سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. تور سودىگەرلىرىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور سودىگەرلىرىنىڭ سانى پۈتۈن شىنجاڭدىكى تور سودىگەرلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %32.42، %11.87، % 7.75ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىش يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سودا سوممىسىنىڭ ئېشىشىشغا كۈچ قوشۇپ كۆزنى چاقناتتى. 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش سودا سوممىسى 913 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.57 ئاشتى؛ بىۋاسىتە كۆرگەنلەر جەمئىي 106 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.29 ئاشتى. جەمئىي 12 مىڭ 800 مەيدان قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات تۈرلىرى ئىچىدە ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك، يېڭى بولغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى، ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش