دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭدا 2023-يىللىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش تەنتەربىيە ئىمتىھانىدا ئوغۇللارنىڭ 1000 مېتىرغا ۋە قىزلارنىڭ 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورى ۋاقتى:2023-04-10 12:06:19

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2023-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2023-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى تەنتەربىيە نەق مەيدان سىناق تۈرى ئەسلىدىكى بەش تۈردىن تۆت تۈرگە تەڭشىلىدۇ، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان چىدامچانلىق تۈرى ھېسابلىنىدىغان ئوغۇللارنىڭ 1000 مېتىرغا ۋە قىزلارنىڭ 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، قالغان تۈرلەر نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ.

      بۇ قېتىمقى تەڭشەش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئەگەر قاتتىق ھەرىكەت قىلسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك زەخىملىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، بىرىنچى سەپتىكى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى، كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن پىكىر ئېلىنغاندىن كېيىن، بىردەك قوشۇلۇپ چىقىرىلغان قارار.

     بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2022-يىلى كۈزدە ئوقۇشقا كىرگەن 7-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىمتىھانىنىڭ جەريان خاراكتېرلىك باھالىشىغا قارىتا، 1-ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تەن ساپاسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش(4 نومۇر)، 2-ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى كۈندىلىك قاتنىشىش(0.5 نومۇر)، مەخسۇس تەنھەرىكەت ماھارىتى(1 نومۇر)، تەنتەربىيە پائالىيىتى مۇسابىقىسى(0.5 نومۇر) قاتارلىقلارغا تولۇق نومۇر(6 نومۇر) بويىچە نومۇر بېرىلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، قايتا باھالاش ۋە سىناق تەشكىللەنمەيدۇ. باشقىلار يەنىلا «<ئاپتونوم> <ئاپتونوم> <ئاپتونوم> نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(يېڭى ئوقۇتۇش قائىدىسى[2021] 14-نومۇرلۇق) ھۆججىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

     تەنتەربىيە تۈرى بويىچە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنى كونكرېت تەشكىللەشنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىمتىھان ۋاقتىنى بېكىتىپ، 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن سىناق خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش