دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-06 10:09:28

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىللىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى −

ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

زىلزىلىگە سالار يەر - جاھاننى قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئۆتسىمۇ قانچە دەۋر ئۇرغۇپ تۇرار ئەزىمەتلەر شىجائىتى.

ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ گۈل تەقدىم قىلىش، خاتىرە سارايغا بېرىپ قىزىل ئىزنالارنى ھېس قىلىش، توردا ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش... چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىنقىلابىي ئىرادىنى چېنىقتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى قەدىرلەيدىغان، قۇربانلارنى ياد ئېتىدىغان ياخشى كەيپىيات تىكلىدى.

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇلۇغۋار روھ مەڭگۈ ساقلانغانىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى قارلىغاچلىق كوچا باشقارمىسى شىمالىي قارلىغاچلىق يولى شەرقىي مەھەللىسىدىكى كادىرلار، ئامما خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىپ، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرە تېشىنى كۆڭۈل قويۇپ سۈرتۈپ تازىلىدى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدىكى ھەربىر قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەربىر تارىخىي ماتېرىيالنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەربىر تەسىرلىك ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، كادىرلار، ئامما پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇزاققىچە پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆردى. «بۈگۈنكى خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىز تەستە قولغا كەلگەن، مەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قۇربان بېرىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمەن!» دېدى ئاھالە نۇرزات داۋۇتبېك.

گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش... يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى چېگرانى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇربان بولغان 100دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي قۇربان كىشىلەرنىڭ چىن قەلبىدىن ھۆرمەت قىلىشىغا سازاۋەر بولدى − چىڭمىڭ بايرىمى ھارپىسىدا، قەشقەر چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى 50 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەبرىستانلىقتا «ئېھتىرام بىلدۈرۈش. ياد ئېتىش. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خەلق ساقچىلىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرە تېشىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ، بۇ جايدىن ئۇزاققىچە ئايرىلغۇسى كەلمىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىملىق چىڭمىڭ بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما، ياشلار، ئوقۇغۇچىلار يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ قەبرە يوقلاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىزدەش، زىيارەت قىلىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇردى... قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، قەھرىمانلارنى قەدىرلەيدىغان، قەھرىمانلارنى قەتئىي قوغدايدىغان، قەھرىمانلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

قىزىل بايلىق قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. چىڭمىڭ يېتىپ كەلگەندە، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسىدىكى 60تىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى شۇ جايدىكى بىر ھەربىي گازارمىغا بېرىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قىزىل كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يۇرتنى، ۋەتەننى قوغداش مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى.

ھەربىي گازارمىدىكى چۈشەندۈرگۈچى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغانلىقى، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلغاندا، قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپالىق مۇساپىسى، تارىخىي تەجرىبىلىرى، ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى. «ئىنقىلابىي تارىخ ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش. بىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سەۋىيەمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، گۈزەل ئاقسۇ شەھىرى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز» دېدى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لو شەن.

شىخۇ شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن خۇاڭگۇڭ بازىرى چۇەنشۇيگوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى خۇاڭگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتە «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاپ ئېيتىش، چىڭمىڭ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلەش قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.

«بىز كەنت ئاھالىلىرىنى توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق» دېدى شىخۇ شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن چۇەنشۇيگوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى سۈي لى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكىلەر H5 ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى تارماقلىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشقا تەشكىللىدى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى جۇڭخۇا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار تورى، شىنجاڭ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە چىقىپ، ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنى بىلدۈردى... چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قەدىرلەيدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەيدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قەتئىي قوغدايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش