دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-03-08 10:58:05

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ بېيجىڭدىن ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: دوكلاتتا خۇلاسىلەنگەن نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق بوپتۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت نىشانى پىكىر يولى ئېنىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بوپتۇ، بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، دانا تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆپرەك كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش» تىلغا ئېلىندى، ئەزا دىلنار ئابلا بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش، «ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش» قاتارلىق ئويۇنلارغا ئاكتىپ قاتناشتى، «بىز نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ئاممىغا يەتكۈزدۇق، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.» ئەزا دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۇدا سايلانغان ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساھە ئايرىمىسى بويىچە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ، خەلق ئۈچۈن ئۇسسۇل ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن.

«تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار قاتارلىقلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك...» ئەزا سۇڭ ياجۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ھەربىر سۆز - جۈملىنى بىرمۇبىر باش قاتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل ئەمىن ئۆينى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك بولۇشىدىكى ئاساس نۇقتا قىلىپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، 41 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي، 13 مىڭ 400 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشنى پىلانلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھۆكۈمەتنىڭ زور نەتىجە، زور تەرەققىياتنى كۆزلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى چوڭقۇر ئىگىلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.» ئەزا جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: مەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى سىغىمىنى كېڭەيتىش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە رايونلارغا تەكشى جايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىپتۇ. «بىز رايون داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونىنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەھەللىلەرنىڭ ئائىلىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنى تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ ئىللىق بولغان ياشانغانلاركۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك» دېدى ئەزا جاڭ خۇي.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى... ئۆتكەن بەش يىلدا، دۆلتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەزا ۋاڭ ۋېينى ھەسسىلەپ پەخىرلەندۈردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئىشەنچىسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى: «مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئۆز خىزمىتىمنى قانات يايدۇرغاندا پۇختا، ئەستايىدىل بولىمەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىمەن؛ مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلغاندا كۆپرەك ئۆگىنىپ، كۆپرەك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەستايىدىل تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن».

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش