دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر قۇرۇلۇشى 90 مىليون يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى
​ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلىنىپ، سۇ ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-02-27 10:56:48

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى قۇرۇۋاتقان ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى يەنە 90 مىليون يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈردە ئاساسلىقى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى، كۆكيار بازىرىدا بىر تۆۋەن رېشاتكىلىق سۇ باشلاش تۈگۈنى، بىر تىندۇرۇش كۆلى، بىر سۇ تەڭشەش كۆلى ياسىلىدىكەن؛ 1.79 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستىڭى ۋە بىر سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈش توسما تېمى يېڭىدىن ياسىلىدىكەن؛ 14.123 كىلومېتىر سۇ يەتكۈزۈش ئۆستىڭى يېڭىدىن ياسىلىپ، تۇرۇبا لىنىيەسى بويلىرىدا 144 قۇرۇلما يېڭىدىن ياسىلىدىكەن.

بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، كۆكيار 4 ـ قارارلىق كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۇغىرىش رايونلىرىغا سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، قاقاسلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دائىرىسى سىجىل كېڭەيتىلىپ، يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 80 مىڭ مو سۇغىرىش رايونىدىكى يەرلەرنىڭ ھوسۇلى ئېشىش، كىرىمى ئېشىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇنۇپ، سۇغىرىش رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئېشىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش