دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىكى 689 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-02-10 11:29:55

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەنگە ئېلىنغان 689 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى 86 ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگە ئېلىنغان 574 پارچە تەكلىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىستېمىسىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى جەمئىي 882 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە يىغىن مەزگىلىدە بېرىلگەن تەكلىپ 839 پارچە، يىغىن يېپىق مەزگىلىدە بېرىلگەن تەكلىپ 43 پارچە. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتى نىزامى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسىگە ئاساسەن، 689 پارچە تەكلىپ تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىندى، ئەنگە ئېلىش نىسبىتى %78.1 بولدى، 102 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىنمىدى. 91 پارچە تەكلىپ پىكىر - تەكلىپ سۈپىتىدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى.

ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 281 پارچە، سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 45 پارچە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 101 پارچە، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 220 پارچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 42 پارچە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇشى كېرەك. قانۇن - نىزامغا ئاساسلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زور كۈچ بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەزالارنى رازى قىلىش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلاردا دانا تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆرسىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؛ خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەربىر ئىشنىڭ جاۋابى بولۇش، ھەربىر ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش