دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭدىكى يەتتە جاي تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە تەبىئىي بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە (شەھەر)بولۇپ باھالاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-02-10 11:38:15

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى «تەبىئىي بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە(شەھەر)»نى ئېلان قىلغان، شىنجاڭدىن يەتتە جاي تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا: چاقىلىق ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، ساۋەن شەھىرى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، قابا ناھىيەسىدىن ئىبارەت.

«تەبىئىي بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە(شەھەر) بولۇپ باھالىنىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، تەبىئىي بايلىقلاردىن ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تەبىئىي بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ ۋېي.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، باغراش ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ۋە ساۋەن شەھىرى يەر بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش داۋامىدا يەر تېجەش، يەر ئىشلىتىشتە مىقدارنى كېمەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، يەردىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشنى ئەلالاشتۇرۇش، ساقلانما يەردىن جانلىق پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىش، يەر ئىشلىتىش سىجىللىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز جايىنىڭ تەجرىبىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قېزىلما بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش داۋامىدا، چاقىلىق ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى ۋە قابا ناھىيەسى قېزىلما بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىشتا زىياننى ئازايتىش، قېزىلما بايلىق سەرپىياتىنى كېمەيتىش، بىرلىك GDPدا قېزىلما بايلىق سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تىپىك يېتەكلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇۋېتىپتۇ.

تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك تەبىئىي بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە(شەھەر)دىن 300ى بار بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش مۇددىتى 2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە. باھالانغان ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە(شەھەر)لەر ئۈلگە كۆرسىتىش دەۋرىيلىكى ئىچىدە قوللاش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، تەبىئىي بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ئەندىزىسى، تېخنىكىسى، سىياسىتى، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىن سىناق نۇقتا قىلىنىدۇ، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى ئالدىن قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەردىن ئالدىن جانلىق پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئالدىن ئىلتىماس قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ تەقسىملەش، يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن مەدەت بېرىلىدۇ، قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش