چۆچەك شەھىرى
«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى»
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە
2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يۈەنشياۋ بايرىمى.
كۆپكۆك ئاسمان، ئىللىق قۇياش نۇرىدا، كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقىغا قىزىل پانۇسلار ئېسىلغانىدى، تۈنۈگۈن كېچە ياغقان ئازراق قار ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان چېگرا شەھەر − چۆچەك شەھىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، چۆچەك شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانى يولىغا كوچا ئويۇنى كۆرگىلى كەلگەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە ياخشى ئورۇننى ئىگىلەپ، پۇخادىن چىققۇچە كۆرمەكچى بولدى.
كۆككە ياڭرىغان داقا - دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئون چاسا ئەترەتتىكى 2000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىدىن تەشكىللەنگەن كوچا ئويۇنى ئويناش ئەترىتى شۇ كۈندىكى كوچا ئويۇنىنى باشلىدى. مەيدان ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، چاقلىق كانكى چامباشلىقى، شىچۈ، مىللىي ناخشا - ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا بىر مەيدان كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا كۆرىكىنى سۇندى.
چۆچەك شەھىرى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، داغۇر مىللىتى، رۇس مىللىتى قاتارلىق 25 مىللەت بار. كوچا ئويۇنى ئەترىتىدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، ناخشا ئېيتتى، ئۇسسۇل ئوينىدى، ساز چالدى... چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
كوچا ئويۇنى ئويناشتا، ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئويۇن قازاق بوۋاينىڭ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئاممىغا چاچقۇ چېچىشى بولۇپ، بوۋاي «چاچقۇ» مۇراسىمى ئارقىلىق بايراملىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. «بەخت تىلەش كەمپۈتى، ھەممىدىن تاتلىق.» كەمپۈتنى ئېلىۋالغان چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ياۋ چىمىڭ كەمپۈت قەغىزىنى ئېچىپ، كەمپۈتنى ئاغزىغا سالغاچ، يەنە بىر كەمپۈتنى مۇخبىرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «شېرىن تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇنى يەتكۈزۈش كېرەك» دېدى.
بۇ كەمپۈت، ھەقىقەتەن بەك تاتلىق.
گەرچە قۇياش نۇرى ئىللىق بولسىمۇ، لېكىن قىشتىكى قەھرىتان سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش تەس، كوچا ئويۇنىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى قوللىرىنى ئۇۋۇلاشقا، پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم كېتىشنى خالىمىدى. ھەربىر كىشى ئېسىل نومۇرنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، باشلىرىنى سوزغىنىچە ئويۇندىن كۆزىنى ئۈزمىدى. «ھەرقايسى يېزا - بازارلارنىڭ كوچا ئويۇنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەم ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ھەم زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلدى. چۆچەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، كۆپچىلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كاتتا بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزدۇق، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇق، بەك ياخشى بولدى» دېدى شەھەر ئاھالىسى ليۇ خۇڭرۇي.
كوچا ئويۇنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئامما خېلى ئۇزاققىچە كېتىشنى خالىماي، يەنە چۆچەك شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىغا كەلدى.
150دىن ئارتۇق گۈللۈك پانۇس مەدەنىيەت مەيدانىنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان پانۇسلار بىلەن بېزەلگەن بىر تۈپ تىلەك دەرىخىنىڭ يېنىغا ئامما بەس - بەس بىلەن ئۆزىنىڭ توشقان يىلىدىكى تىلەكلىرىنى يازدى. «سودامنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىنى، بۇ يىل ئاپتوموبىلىمنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» «بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئامان - ئېسەن، خۇشال - خۇرام بولۇپ، مەڭگۈ بىللە ئۆتىشىمىزنى تىلەيمەن» «چۆچەكنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىشىنى تىلەيمەن»... ئۇزاق ئۆتمەيلا، تىلەك دەرەخلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىلەكلىرى بىلەن تولۇپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۈمىدىنى نامايان قىلدى.
مۇخبىر كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مۇزىكا مەيدانىغا كەلدى. پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، چەينەك ئېتىش، چەمبىرەك ئېتىش، ئارغامچا سەكرەش، مۇز ئۈستىدە پۇتبول تېپىش، باۋلىڭ توپى ئويناش... مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى. «ھەقىقەتەن بىر ئاز سوغۇق، لېكىن سەيلە قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش بەك مەنىلىك، ئۆچرەتتە تۇرۇشمۇ بىر خىل قاتنىشىش، مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن قىزىيدۇ!» دېدى شەھەر ئاھالىسى گۈلنۇر ھەسەن.
«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا باھار بايرىمى كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى.» بىر كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا مۇخبىرنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنى مۇشۇ سۆز بولدى. مول، رەڭدار بايرام پائالىيەتلىرى چېگرادىكى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى − ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى تولۇق نامايان قىلدى.