دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-02-07 10:51:14

ئاپتونوم رايون بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى ئاچتى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا 2022 - يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان خىزمەت دوكلاتى بەردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن سىستېمىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن سىستېمىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ قەلبنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشتىكى قۇدرەتلىك ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى شىنجاڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى، تەشۋىق - تەربىيە، سىياسەت - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئۇل سېلىش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار، دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنىدىن ئىبارەت «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئۆستۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىن ساھەسىنىڭ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى قوللاپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ساغلام»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىللىك زاتلار، تاشقى بىرلىك سەپ ۋە تور بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىرلىك سەپ ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش